خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر …
دەل بۈگۈن ئەتىگەن ، مارۋىل سىتودىيسى SDCC چاتما رەسىم ئاخبارات تارقىتىش يىغىنىدا سەھنىگە چىقتى .
كەيۋىن ڧەيىج مارۋىل سىتودىيسىنىڭ تۆتىنجى بۆلىكىدىكى مەزمۇنلارنى ئىلان قىلدى !
بۇنىڭدا 2020 – يىلىغا تەۋە 3 دانە ڧىلىم ، 2021- يىلىغا تەۋە 7 دانە ڧىلىم بار :
1. كەيۋىن ڧەيىج “چەكسىز رىۋايەت” نىڭ LOGO سىنى ئىلان قىلىدى
ھازىرغىچە ، مارۋىل ڧىلىم ئالىمىدە بار بولغان 23 دانە ڧىلىم بولۇپ ، بۇ ڧىلىملار ئاللىقاچان مارۋىل ڧىلىم ئالىمىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ بۆلىكىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تۈزۈپ چىقىپ بولدى .
مارۋىل سىتودىيسى باش دىرىكتورى “كەيۋىن ڧەيىج” خىلى بۇرۇنلا مارۋىل ڧىلىملىرى ئالدىنقى ئۈچ بۆلىكىنىڭ ئىسىمىنى “infinity saga” — چەكسىز رىۋايەت دەپ ئاتىغان .
بۈگۈن چەكسىز رىۋايەتنىڭ ئورگان تەرەپ لاھىيلىگەن logo سى تۇنجى قىتىم مەيدانغا چىقتى .
2. “قارا تۇل خوتۇن” ئايرىم ڧىلىمى 2020- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىگە بىكىتىلدى
“قارا تۇل خوتۇن” ڧىلىمى ئورگان تەرەپتىن تارقىتىلدى ، سىكارلىت . يوھانسون باش رول ئالغان .
3. مارۋىل ڧىلىم ئالىمىنىڭ تۆتىنجى بۆلىكىنىڭ تۇنجى ڧىلىمى “ئەبەدىي مىللىتى” 2020-يىلى 11- ئاينىڭ 6- كۈنىگە بىكىتىلدى
بۇ ڧىلىم زانوسنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەيدۇ ، جۇڭگۇلۇق داڭلىق رىژىسور جاۋ تىڭ ڧىلىم رىژىسروى بولىدۇ .
ئانجىلىنا . جۇلى Thena نىڭ رولىدا .
لىچارد . مىيدىن lkaris نىڭ رولىدا باش ئەر پىرسوناژ بولىدۇ .
سامار ھايىك Ajax نىڭ رولىدا .
4. “بۈركۈت ئوۋلىغۇچى ۋە زىمىستان جەڭچى” كۆپ قىسملىق ڧىلىم قىلپ ئىشلىنىدۇ ۋە 2020- يىلى كۈزدە “دىسنىي +” مىدىياسىدا قويۇلۇپ تارقىتىلىدۇ
نەق مەيداندا ئەڭ يىڭى بولغان ڧىلىم logo سى نامايەن بولدى ، بۈركۈت ئوۋلغۇچى يەنىلا ئامېرىكا كاپىتانىنڭ قالقىنىنى تۇتقان پىتى مەيدانغا چىقىدۇ ، كىلەر يىلى دىسنىي + مىدىياسىدا قويۇلىدۇ .
5. “شاڭچى : ئون ئۈزۈك رىۋايىتى” 2021- يىلى 2- ئاينىڭ 12- كۈنىگە بىكىتىلدى
شاڭچى رولىدا : لىيۇ سىمۇ ، ئۇ يىڭى ئارتىس ، خاربىندا تۇغۇلغان .
مەن چوڭام رولىدا : لىياڭ چاۋ ۋىي
ئۇ ھەمىمىزگە تونۇشلۇق ، ئۇ “پولات پالۋان 3” تە رولغا چىققاندا ھەقىقىي . مەن چوڭان سالاھىيتىنى ئاشكارلىيالمىغان .
6. “ۋاندا ۋە ۋىزون” كۆپ قىسىملىق ڧىلىمى ، 2021- يىلى ئەتىيازدا قويۇلىدۇ ، ھىكايە “ئاخىرىقى ئۇرۇش” نىڭ كىين يۈز بەرگەن ۋەقەلىكلەرنى سۆزلەيدۇ .
بۇ ئىككىسىنىڭ ھىكايىسىنى بەلكىم ھەمىڭلارنىڭ كۆرگىسى كىلۋاتىدىغۇ دەيمەن …
7. “لوكى” كۆپ قىسىملىق ڧىلىمى 2021- يىلى ئەتىيازدا دىسنىي + مىدىياسىدا قويۇلىشقا باشلايدۇ
“لوكى” ڧىلىمى بولسا قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4 تىكى ئالەم كۇپى (بوشلۇق تىشىنى) ئىلىپ قاچقان لوكىنىڭ كىينكى ھىكايسىنى سۆزلەيدۇ .
2021- يىلى ئەتىيازدا رەسىمي قويۇلىشقا باشلايدۇ .
8. “خسلەتلىك دوكتۇر 2” 2021- يىلى 5- ئاينىڭ 7- كۈنىگە بىكىتلدى
“خىسلەتلىك دوكتۇر 2 : ۋەھشىيلەشكەن كۆپ ئىلمىنىتلىق ئالەم” مارۋىل ڧىلىم ئالىمى تارىخىدىكى تۇنجى قورقۇنۇشلۇق ڧىلىم قىلىپ ئىشلىندۇ ، “قىزىل ئايال پىرىخون” بۇ ڧىلىمدە رولغا چىقىدۇ .
9. MCU تارىخىدىكى تۇنجى ئورگان تەرەپ ئىشلىگەن كۆپ قىسملىق كارتون ڧىلىم “ئەگەر … ؟ “2021-يىلى يازدا قويۇلىدۇ
مارۋىل ڧىلىم ئالىمىنىڭ تۇنجى كۆپ قىسىملىق كارتون ڧىلىمى “ئەگەر…؟” نىڭ logo سى تارقىتىلدى ، مارۋىل قەھرىمانلىرى يەنە بىر قەدەمدە بۇ كارتون ڧىلىمدە ئاۋاز بىرىدۇ .
2021- يىلى يازدا دىسنىي + مىدىياسىدا قويۇلىدۇ .
10. “بۈركۈت كۆز” كۆپ قىسىملىق ڧىىلىمى 2021- يىلى كۈزدە دىسنىي + مىدىياسىدا قويۇلىدۇ
“بۈركۈت كۆز” كۆپ قىسىملىق ڧىلىمىدە ، كىلىنت بارتون مەشىق مەيدانىدا كەيت . بىشوپنى تەربىيلىگەنلىكى ۋە ئۇنى تىخىمۇ مۇنەۋەر بۈركۈت كۆز قىلىپ تەربىيلىگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ
بۇ كۆپ قىسىملىق ڧىلىممۇ 2021- يىلى كۈزدە دىسينىي + مىدىياسىدا قويۇلىدۇ .
11. “چاقماق ئىلاھى 4 : مۇھەببەت ۋە چاقماق” 2021- يىلى 11- ئاينىڭ 5- كۈنىگە بىكىتىلدى .
ناتالىي . پورتمەن قايتىپ كىلىپ ئايال چاقماق ئىلاھىنىڭ رولىغا چىقدۇ (چاقماق ئىلاھىنىڭ قىز دوستى جىن . ڧوستىر) ڧىلىم 2021- يىلى 11- ئاينىڭ 5- كۈنىگە بىكىتىلدى .
12 . “قىلىچۋاز جەڭچى” قايتا قوزغىتىلدى
مارۋىلنىڭ بۇ ڧىلىمنى تاشلاپ قويغىنىغا ناھايىتى ئۇزۇن بولغان ، بەلكىم ئەمدى قىلىچۋاز جەڭچىنى قايتا مەيدانغا چىقىردىغان ۋاقىت كەلگەنلىكىنى بايقىغاندۇ .
باش پىرسوناژ قىلىچۋاز جەڭچى رولىدا : ماخرىشال . ئالىي .
ئاخبارات تارقىتىش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا كەيۋىن ڧەيىج يەنە “قارا قاپلان 2” ، “سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى 3” ، “مارۋىل كاپىتانى 2” ، “X جەڭچى” ، “سىرلىق تۆت پالۋان” قاتارلىق ڧىلىملارنىڭمۇ مارۋىل ڧىلىم ئالىمىنىڭ تۆتىنجى بۆلىكىدىكى پىلانىدا بار ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى !
كەلگۈسىدە يەنە تىخىمۇ كۆپ بولغان مارۋىل ڧىلىملىرى ۋە كۆپ قىسىملىق ڧىلىملەر مەيدانغا كىلىدۇ ، مەستانىلەر بۇ ئورەككە كىرىشكە تەييارلىنىپ بولدۇڭلارمۇ ؟
مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .
ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش