DC مارۋىل قىلالمايدىغان ئىشنى قىلدى ~

خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر … 

مارۋىل فىلىم ئالىمى بولسا ھازىرقى زامان كىنو تارىخى جەھەتتە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان فىلىم تۈرى ھىساپلىنىدۇ ، بۇ بىر ھەقىقەت ، لىكىن DC بولسا دەل بۇنىڭ ئەكىسچە ، ئانچە مۇۋاپىقيەت قازىنالمىدى . 

بىر نەچچە تۈرلۈك سىناقلاردىن كىيىن ، DC فىلىملىرى ئۆزىنىڭ يولىنى تىپىۋالدى ، ئۇ بولسىمۇ ئايرىم شەخىس فىلىمى ، مەسىلەن «خىسلەتلىك ئايال پالۋان» ، «دېڭىز شاھى» ، ھەمدە يىقىندا باش كۆتۈرۈپ چىققان «جوكىر» فىلىمى قاتارلىقلار . 

«جوكىر» فىلىمىنىڭ رىژىسورى تود . فىلىپىسنىڭ ئىيتىشىغا ئاساسلانغاندا ، بۇ دەل ئۇنىڭ بۇ فىلىمنى ئىجاد قىلشىدىكى ئىدىيەسى ئىكەن :

ئەمىليەتتە مارۋىل فىلىم ئالىمىگە دۇچ كەلگەندە ، رىژىسورنىڭمۇ ھىچقانداق ئامالى قالمايدۇ ، «سەن مارۋىلنىڭ يىڭەلمەيسەن ، ئۇ دىگەن بىر ناھايىتى چوڭ مەۋجۇدات .»

لىكىن رىژىسورنىڭمۇ ئاسانلىقچە ئاجىزلىقنى ئىپادىلگىسى كەلمىدى : « ئۇنداق بولسا بىز ئۇلار قىلالمايدىغان ئىشنى قىلىپ باقايلى ! » دەيتى .

فىلىپىس ئەستايدىل ھالدا بىر فىلىمنى ئىجاد قىلىپلا قالمىدى ، بۇ فىلىم يەنە كىلىپ R دەرىجىلىك فىلىمغا تەۋە ، ۋەقەلىكى ناھايىتى تىز ، ئاساسىي تىمىسى زۇلمەتكە تولغان ، مارۋىلنىڭ ھەرقانداق بىر فىلىمدىنمۇ قاراڭغۇلۇققا ، زۇلمەتكە تولغان .

رىژىسور ئۆزىنىڭ فىلىمىگە ناھايىتى ئىشىنەتتى .

«سەن ئۇنى قوللاش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ باقىسەن ، تاكى سىنىڭ ئۇنى قايتا قوللاشقا كۈچۈڭ قالمىغۇچە سەن قوللاشنى داۋاملاشتۇرىسەن . »

يەنە كىلىپ ، «جوكىر» نىڭ باش رولىنى ئالغۇچىسى جوكىن . فونىكىس بولسا ھەممە ئىتىراپ قىلغان چاتما رەسىم مەستانىسى ، كۆپ يىللار ئىلگىرى ئۇ خىسلەتلىك دوكتۇرنىڭ رولىغا چىقىشنى رەت قىلغان ، بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئۇ مۇنداق چۈشەندۈرۈش بەردى . 

« مەن راستىنلا فىلىم تۈردىكىلەرنىڭ چوڭ ياكى كىچىكلىكىگە كۆڭۈل بۈلمەيمەن ، ھەم يەنە شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئىشلارمۇ شۇنداق ، مىنىڭ كۆڭۈل بۈلىدىغىنىم پەقەت شۇ رىژىسورنىڭ ئالاھىدە كۆز قاراشقا ئىگە بولغان ئىديەسى بارمۇ يوق ، شۇ تەرەپتىن بىر فىلىم ئىجاد قىلالامدۇ يوق دىگەنگە قارايمەن . »

«جوكىر» پەقەتلا بىر ئاددىي شەخىس فىلىمى بولۇپ قالماستىن ، يەنە كىلىپ DC فىلىم ئالىمى بىلەن چىتىشمايدۇ ، فىلىمدە توماس . ۋەيىن ،  تاكانورى شەھىرى قاتارلىق بۇ ئاتالغۇلاردىن باشقا ، «جوكىر» فىلىمىنىڭ باشقا ھەرقانداق بىر چاتما رەسىم ئۆزگەرتىلىپ ئىشلەنگەن فىلىم بىلەن مۇناسىۋىتى يوق .

بۇ فىلىم بولسا ناھايىتى چوڭ مەزمۇندا تۇرۇپ بىر قسىم ئىنسانلارنى مەركەز قىلغان ھالدا تەكشۈرگەن ، ئۇ ئارتور . فىلىكنى باش رول قىلىپ ،  جەمىيەت تەرپىدىن ئىغىر بىسىلغان ئادەتتكى ئادەملەرنىڭ كۆزەتكەن  . 

«جوكىر» 10- ئاينىڭ 4- كۈنى ئامېرىكىدا قويۇلۇشقا باشلايدۇ ، دۆلىتىمىز ئاۋمىندا بىر كۈن بۇرۇن 10- ئاينىڭ 3- كۈنى قويۇلىدۇ .


مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ