دوۋىنىي ئەمدى پولات پالۋان رولىغا چىقمايدىغانلىقىنى ئىيتتى

خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر … 

ھەمىمىزگە ئايان ، ئاخىرلاشمايدغان ھىكايە ، تارقىمايدىغان سورۇن يوق . “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4 : ئاخىرقى ئۇرۇش” تا روبىرت دوۋىنىي رول ئالغان تونىي . سىتارك ئۆزىنىڭ رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ھاياتىنىڭ ئاخىرلىششىنى كۈتىۋالدى . 


تونىي ئارىمىزدىن ئايرىلغان بولسىمۇ ، لىكىن مەستانىلەرنىڭ قەلبىدە يەنىلا بىر يالقۇنجاپ تۇرغان بىر ئۈمۈد بار ئىدى ، ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى مارۋىل ڧىلىملىرىدە جاھاننى ھاڭ تاڭ قالدۇرغىدەك ھالەتتە پولات پالۋانغا ئايلىنىپ ، ڧىىلىم ئىچىدە بىز بىلەن يۈز كۆرىشىشىنى ۋە يىقىملىق بىر كۈلۈمسىرشىنى ناھايىتى ئارزۇ قىلاتتى ، پۈتۈن دۇنياغا ئۇنىڭ بىر گۈزەل ئەسلىمىلەنى قالدۇرۇپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى . 



ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۇ ئارزۇلار ئەمدى قايتا يۈز بەرمەيدۇ ، يىقىندا دوۋينىي Amazon Mars دا ئۆزىنىڭ قايتا پولات پالۋان رولىغا چىقمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى ، “قىساسكارلار 4” نىڭ قويۇلىشى ، دوۋىنىي رولغا چىققان تونىي سىتاركنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر نامايەندىسى بولۇپ قالغان ئىدى .




ڧىلىمدە ، ئۇ پۈتۈن ئالەمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ، تونىي قولىدىن قاس چىقىرىپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ، شۇندىن باشلاپ پولات  پالۋاننىڭ قەھرىمانلىق ھاياتى ئاخىرلاشتى .

ڧىلىم سىرتىدىكى بىز ، تونىينىڭ دەپنە مۇراسىمىدىكى دوسلىرىنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆرۈپ تۇرماقتىمىز ، ھەتتا ياقىمىزنىڭ كۆز يىشى بىلەن نەملەنگىننىمۇ بىلمىگەن ئاساستا ، گىلىمىزغا خۇددى بىر قاتتىق تاش تۇرۇپ قالغاندەكلا ھىچقانداق بىر ئاۋاز چىقىۋالمايتۇق …


11 يىلنىڭ ئالدىدا ، بىر قىزىل رەڭلىك ساۋۇت كىيىۋالغان ئادەم مەيدانغا كىلىدۇ ، شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ ھىچكىمگە ئوخشىمايدىغانلقىنى بىلگەن ئىدۇق ، ئۇنىڭ مودا بولىۋاتقان خاسىيەتلىك ئادەم ياكى ئۆمۈچۈك پالۋان قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئالاھىدە ئىقتىدارى يوق ئىدى . پەقەتلا كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان ، ناھايىتى ئىلغار بولغان جەڭ ساۋۇتى بار ئىدى . 

ئوخشاشلا ئۇ شەپەرەڭ پالۋان بىلەنمۇ ئوخشىمايدۇ ، شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ھىكايىسى ئادەمگە كۆڭلىدىكى قاراڭغۇلۇقنى ھىس قىلدۇرسا ، بۇ ساۋۇت كىيىۋالغان قەھرىمان ئەكىسچە يورۇقلۇق ۋە ئارزۇ ئارمانلارنى بىزگە ھىس قىلدۇراتتى . 


ئەينى ۋاقىتتا بىز تونىي بىلەن تۇنجى يۈز كۆرۈشكەن ۋاقىتتا ، ئۇ بىزنى مارۋىل ئالىمىغا باشلاپ ئەكىرگەن ئىدى ، ئۇنىڭ ھەر بىر كۈلۈمسىرىشى ، قاش كۆزلىرىنى ئوينىتىشى ، جەڭ قىلغان ۋاقىتتكى مۇستەھكەم ئىرادىلىك نەزىرى خۇددى تۈنۈگۈن يۈز بەرگەندەكلا قىلاتتى ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر ھەمىمىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولۇپ تۇراتتى . 

بىز پولات پالۋاننى ياخشى كۆرىمىز ، دوۋىنىي رول ئالغان پولات پالۋاننى تىخىمۇ ياخشى كۆرىمىز ، بۇ يەردىكى جاۋاپ بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردەك بولىشى مۇمكىن ، چۈنكى دوۋنىي پولات پالۋانغا ھايات ئاتا قىلغان ئىدى .


11 يىللىق سەھنە ھاياتىدا ، دوۋىني توختىماستىن ئۆزىدىكى ئىلمىنتلارنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ كىلۋاتاتتى ، ھەمىمىز بىلىمىز “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” تىكى ، سىنى 3000 قىتىم سۈيىمەن دىگەن سۆزى بولسا دوۋىني ئۆزىنىڭ ئۈچ بالىسى ئۈچۈن كىرگۈزىۋەتكەن . ئوخشاشلا مەزمۇنلار 11 يىل مابەينىدىكى پولات پالۋان ھاياتىدا تەكرارلىنىپ كەلگەن . 


دوۋىني ياش ۋاقتىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى ئۆزىگە قاراتقان ، ئوخشاشلا مەيلى ئۇ قانداق قاراڭغۇلۇقنى بىشىدىن كەچۈرگەن بولسۇن ، ئۇ تونىي سىتاركنىڭ رولىنى ئالغان ۋاقىتتا ، ئۇ دەل تونىيغا ئوخشاشلار نۇرغۇنلىغان بوران چاپقۇنلارنى بىشىدىن كەچۈرگەن بىرى ئىدى ، خۇددى بۇ بىر ئارتىسلىق قىلىش ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىنى سۆزلەپ بىرىشى ئىدى . 


2 يىلنىڭ ئالدىدا ، بىز بۆرە تاغىمىز بىلەن خوشلاشتۇق ، پولات بۆرىنى ئۇزىتىپ قويدۇق ، ئەمدى بۈ يىلى يەنىلا قىيالمىغان ھالدا پولات پالۋان بىلەن خوشلاشماقچى بولۋاتىمىز ، ئۇنىڭ قوللىرنى چىڭ سىقىمدىۋلىشتىن ئاستا ئاستا قويۇپ بەردۇق …… 

ئۇلار ئىككىسىنى تىلغا ئالسىلا مەن ناھايىتى ئىپتىخارلىنىمەن ، مەن داۋامىلىق ئۇلارنى مارۋىل تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىككى ئارتىس دەپ قارايمەن ، ئۇلار ئوبراز رولىنى ئەڭ يىڭى بىر پەللىگە ئىچىققان ، ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى چاتما رەسىم  ئوبرازىنى بىر ڧىلىم ئوبرازىغا ئايلاندۇرۇپ بەرگەن ئارتىسلار ھىساپلىنىدۇ . 


ئۇلار بىر دەۋىرگە ۋەكىللىك قىلدى ، ئەڭ ياخشى يىرى شۇكى بۇ دەل بىز ئىنتىلىدغان بىر دەۋىر ئىدى . 

بۈگۈنكى كۈندە بۇ دەۋىرنىڭ پەردىسى چۈشۈرۈلگەن ئىدى ، ئەمما ئۇرۇش ئوتى تىخى ئۆچىمىدى ، ئۇلارنىڭ ئايرىلىشى ھەرگىزمۇ سەھنىدىن چىكىنىش ئەمەس ، بەلكى بىزگە تىخىمۇ يىڭىچە بولغان شانلىق دەرۋىرلەرنىڭ ئىشكىنى ئىچىپ بىرىشى بولۇپ قالغۇسى .


پولات پالۋان . دوۋىني . سىتارك  ، سەن بىر قەھرىمان ، بىر دەۋىرنىڭ يول ئاچقۇچىسى ! 

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ