كەچلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن مەستانىلەر …
“قىساسكارلار 4” بولسا مارۋىل ئالىمى ئۈچىنجى بۆلىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرى ، ھەمدە ئالدىنقى 21 مارۋىل ڧىلىمىنىڭ خاتىمىسى ھىساپلىنىدۇ .
زانوس ناھايىتى “يامان” بىر دەرىجىدىن تاشقىرى سەلبىي قەھرىمان بولۇپ ، تاكى “قىساسكارلار 3” قويۇلغاندا ئاندىن مەيدانغا چىققان . مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ، “قىساسكارلار 4” نىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى نىمە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ، زانوس چوقۇم سەھنىدىن چىكىنىپ چىقىدۇ .
كەلگۈسىدىكى مارۋىل ڧىلىملىرى ، “قارا تۇل خوتۇن” ، “ئەبەدىيلەر” قاتارلىق ئەسەرلەر بولۇپ ، قالغان ڧىلىملەرنىڭ ئۇچۇرى ئىزچىل ھالدا مەخپىي ساقلىنىۋاتىدۇ .
قانداقلا بولمىسۇن ، دەرىجىدىن تاشقىرى سەلبىي قەھرىمان يەنىلا دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان بولۇپ ھىساپلىنىدۇ ڧىلىمدە “كەم بولسا بولمايدىغان” ئورۇندا تۇرىدۇ .
كەلگۈسىدىكى مارۋىل ڧىلىملىرىدە يەنە قانداق دەرىجىدىن تاشقىرى سەلبىي قەھرىمانلار مەيدانغا چىقىدۇ ؟
1. پىلانىتلار يۇتقۇچى
پىلانىتلار يۇتقۇچى گەرچە ئويۇنلاردا “مارۋىل ئالىمىدىكى جەڭ قىلىش كۈچى تۈۋرۈكى” دەپ ئاتالغان ، ئۇنىڭ ناھايىتى غايەت زور كۈچى بار .
بۈگۈنكى كۈندە ، ڧوكىس بايرىقى ئاستىدىكى بارلىق مارۋىل ئوبرازلىرى تىگى تەكتىدىن “مارۋىل ڧىلىم ئالىمى” گە قايتىدۇ ، يەنە سىرلىق تۆت پالۋان ، پىلانىتلار يۇتقۇچى قاتارلىق ئوبرازلارمۇ قايتىپ كىلىدۇ .
مۇناسىۋەتلىك مارۋىل چاتما رەسىملىرىدە ، پىلانىتلار يۇتقۇچى ھەر بىر چوڭ ئىش چىققاندا داۋاملىق مەيدانغا چىقاتتى ، مارۋىلغا ئىشنىشمىز كىرەككى ، مارۋىل ھەرگىزمۇ بۇنىڭدەك “ھەرقاندىغنى يەردە ياتقۇزۇپ قويدىغان ” قەھرىماننى مەيدانغا چىقارماي قالمايدۇ .
2. ۋەيران قىلغۇچى دوكتۇر
دوكتۇر دوم ، “ۋەيران قىلغۇچى دوكتۇر” دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يەنە بەزى مەستانىلەر ئۇنى “ئىلاھى دوكتۇر” دەپمۇ ئاتايدۇ .
دوكتۇر دومنىڭ ھىچقانداق ئالاھىدە ئىقتىدارى يوق ، لىكىن ئۇ ئىلىم پەننى قىتىر قىنىپ تەتقىق قىلغان ، ھەمدە ئوخشاشلا ۋاقىتتا سىھىرگەرلىكنىمۇ ئۈگەنگەن .
مارۋىل ئالىمىدە ھەم سىھىرگەرلىكنى بىلىدىغان ھەم ئىلىم پەندە ئۇتۇق قازانغان ئوبرازلار كۆپ ئەمەس، دوكتۇر دوم ئەنە شۇلارنىڭ ئچىدىكى ئەڭ نامى چىققان بىرى .
3. يوقاتقۇچى
ئۆتكەن يىلى “قىساسكارلار 4” نىڭ خەۋرىمۇ چىقمىغان چاغدا ، ئەڭ دەۋىر سۈرگەن ئىغۋا گەپ بولسا “يوقاتقۇچى” ئىدى .
مارۋىل چاتما رەسىملىرىدىكى “يوقاتقۇچى” بولسا ئەڭ دەسلەپكى چوڭ ئىشلارنىڭ بىرى ، دائىرىسى پۈتۈن مارۋىل ئالىمىنى قاپلىغان .
يوقاتقۇچى قۇرۇت مىللتىنىڭ كىلپ چىقىش مەنبەسى بولسا “مىنۇس بوشلۇق” ، ماررۋىل چاتما رەسىمىدى بولسا سىرلىق تۆت پالۋان بۇ بوشلۇقتىن ھالقىپ ئۆتۈش ئۇسۇلىنى ناھايىتى ياخشى ئىگەللىگەن .
ئەگەر يوقاتقۇچى قۇرۇت مىللتى مىنۇس بوشلۇقىدىن ئەمىلىيەتكە قايتىپ كەلگەن بولسا ، بەلكىم يەنە بىر قىتىملىق بوران چاپقۇن بولۇپ ، زانوسنىڭ قولدىن قاس چىقارغىنىدەكلا ئىش بولاتتى .
4. ئەڭ ئۈستۈنكى ئەقىل پاراسەت
مارۋىل ڧىلىمى “مارۋىل كاپىتانى” دا ، ئەڭ ئۈستۈنكى ئەقىل پاراسەت ئىزچىل مەيدانغا چىقمىغان .
بۇ قارىماققا كاللىنى قايدۇردىغان بىر ئىش بولشى مۇمكىن، لىكىن راستىنلا بىر يوشۇرما يازما بولىشى مۇمكىن .
مارۋىل چاتما رەسىمىدە ، ئەڭ ئۈستۈنكى ئەقىل پاراسەت بولسا كىرى پىلانىتىنىڭ ھۆكۈمىرانى .
ئەڭ ئۈستۈنكى ئەقىل پاراسەت بولسا بارلىق كىرى ئادەملىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى مۇجەسسەملىگەن ئەڭ ئىلغار ئەقلىي ئىقتىدار خالاس .
كىرى ئادەملىرىنىڭ پەن تىخنىكا سەۋىيەسى يەرشارىنى نەچچە يۈز يىل كەينىگە تاشلاپ قويغان .
5. سىكىرول ئايال خانىشى
“مارۋىل كاپىتانى” دا كەلگۈسىدە “سىكىرول ئايال خانىشى” نىڭ يوشۇرۇن يازمىسى بولىشى مۇمكىن ،بولۇپمۇ تالوسنىڭ ھىلقى قىزى .
مارۋىل چاتما رەسىمىدە بولسا ، سىكىرول ئايال خانىشى “ۋىرونكا” ئىلگىرى باش بولۇپ “يوشۇرۇن كىرىش” ھەركىتىگە باش بولغان .
سىكىرول ئادەملىرى “مارۋىل كاپىتانى” دا ھەقىقەتەن ناھايىتى ئاجىز ئىپادىلنىپ قالغان ، ھايات قىلىش ئۈچۈن باشقا پىلانىتلارغا بىرىپ ئۆزىگە ئۆي ماكان ئىزدەيدۇ ، بۇ كۆز قاراش سىكىرول ئادەملىرىنىڭ جىددىي ئۆي ماكان ئىزدەۋەتقىننى بىلدۈرىدۇ .
چاتما رەسمدە بولسا ، سىكىرول ئادەملىرى بولسا ئۆز ماكاننى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ، يەرشارىغا “يوشۇرۇن كىرىش” پىلاننى تۈزىدۇ .
6. بويسۇندۇرغىچى كاڭ
بويسۇندۇرغىچى كاڭ “ۋاقىت ھالقىپ ئۆتۈش” ماھارىتىنى پىششىق بىلىدۇ ، چاتما رەسىمدە ، ئۇ 3000 – يىلدىن كەلگەن بويسۇندۇرغۇچى بوپ ھىساپلىنىدۇ .
ئەگەر ” قىساسكارلار 4 ” تە ئالدى بىلەن ۋاقىت ساياھىتى دىگەن ئاتالغۇ بولۇپ قالسا ، ئۇنداقتا بويسۇندۇرغىچى كاڭنىڭ ئاخىرىقى ڧىلىم مەزگىلىدىكى ئورنىمۇ ئۇنچە بەك ئۇستۈن بولمايدۇ .
7. نورمان ئوسبىن
نورمان ئوسبىن بولسا دەل يىشىل ئالۋاستى ، ئۆمۈچۈك پالۋان تۈردىكى ئەسەردە دەرىجىدىن تاشقىرى سەلبىي ئوبراز .
مارۋىل چاتما رەسىمدىكى “زۇلمەت دەۋرى” ۋاقتىدا ، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىپ ، بىر ساختا “قىساسكارلار ئىتىپاقى” نى تۈزىدۇ .
بۇ ئوبرازلارنىڭ ڧىلىم نەشىر ھوقۇقى يەنىلا سونىيينىڭ قولىدا ، لىكىن مارۋىل بىلەن سونىينىڭ ھەمكارلىقى ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ .
مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .
ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش