قىساسكارلار 4 نى كۆرۈشتىن بۇرۇن قانداق تەييارلىق قلىش كىرەك

 خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر … 

بۈگۈن مەستانىلەر بىلەن ئورتاقلىشدىغنىم بولسا “قىساسكارلار 4” كە مۇناسۋەتلىك بولغان بارلىق سۇئاللار ۋە شۇ ھەققىدىكى مۇناسۋەتلىك ئۇچۇرلار .

“قىساسكارلار 4” قانچىلىك ئوت قىزغىنلىقىغا ئىگە ؟ 
تۆۋەندىكى ئاددىي ئۈچ سانلىق مەلۇماتتىنلا بىلەلەيمىز .

2018-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ، “قىساسكارلار 4” تۇنجى قىتىملىق تېتىم ڧىلمىنى ئىلان قىلدى ، 24سائەت ئىچىدە چىكىلىش قىتىم سانى 300مىلىيونغا يەتتى ؛
2019-يىلى 3-ئاينىڭ-28-كۈنى “قىساسكارلار 4” دۆلتىمىزدىكى قويۇلۇش ۋاقتى 4-ئاينىڭ 24كۈنى قىلىپ بىكتىلدى ، بىلوگلاردا ئىزدەش چىكى ئۇدۇللا ئىكىنجى ئورۇنغا ئۆتتى ؛
2019-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈش سائەت 12دە ، “قىساسكارلار 4” ڧىلىمىنىڭ ئالدىن بىلەت زاكاز قىلىش سۇپىسى ئىچىۋىتىلدى ، شۇ كۈنى ئاخشام سائەت 10 دا ، ئالدىن زاكاز قىلىنغان بىلەت كىرىمى 100 مىليوندىن ئىشىپ كەتتى ؛


“قىساسكارلار 4” نىڭ كۆرۈرمەنلىرى قانچىلىك ؟

مارۋىل مەستانىلرىنىڭ كۆلىمى ھەقىقەتەن چوڭ ، لىكىن بەزىبىر تاراتقۇلار ئوخشاشلا بۇنى بىر “كىچىك توپ” دەپ ئاتاپ كىلۋاتىدۇ؛
ئوبىيكتىپ جەھەتتىن ئىيتقاندا ، كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىدا مارۋىل مەستانىلرى ھەقىقەتەن چەكىلىك نىسبەتتە ، لىكىن ھازىر ھەرگىزمۇ “كىچك توپ” دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ .
ئۆتكەن يىلى “قىساسكارلار 3” نىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى بىلەت كىرىمى 2مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتكەن .
شۇنداق ئىيتقاندا : تىخىمۇ كۆپ “يولدىن ئۆتىۋاتقان مەستانىلەر” مۇ مارۋىل ڧىلىملىرىغا دىققەت قىلدىغان بولدى .


تەپسىلي چۈشەندۈرۈشكە تىگىشلىك كۆرۈرمەنلەر توپى قانداق ؟ 


ئالدى بىلەن دەيدىغنىمىز كونا مەستانىلەر بۇنى بەك چوڭقۇر ئوقۇپ كەتمىسمۇ بولىدۇ . چۈنكى كونا مەستانىلەر دىگىنىمىز مارۋىلنىڭ 21 ڧىلىمىنىڭ ھەممىنى كۆرۈپ بولغان ، ھەر بىر ئوبرازنى پىششىق بىلدىغان ، ھەتتاكى ئىشتىياق باغلاپ مارۋىل چاتما رەسملىرىنى كۆرۈۋاتقان مەستانىلەرنى كۆرسىتىدۇ .

تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشلەر بولسا بىزگە يىڭى قىتىلغان ، مارۋىل ڧىلىملىرىنى بەك تولۇق كۆرۈپ كەتمىگەن ، مارۋىلنى بەك چۈشنىپ كەتمەيدىغان يولدىن ئۆتكەن مەستانىلەرنىڭ ھوزۇرلىنشىغا ۋە مارۋىلنى تىخىمۇ چوڭقۇر چۈشنىشى ئۈچۈن سۇندۇم . 

مارۋىل دىگەن نىمە ؟


مارۋىل ئەسىلى بولسا بىر چاتما رەسىم شىركىتى ،1939-يىلى قۇرۇلغان؛
مارۋىل ناھايىتى كۆپ قەھرىمانلارنى بارلىقققا كەلتۈرگەن ، مەسلەن : ئامېرىكا كاپتانى ، ئۆمۈچۈك پالۋان ، چاقماق ئىلاھى ، پولات پالۋان قاتارلىقلار …..

بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن داڭلىق قەھرىمانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىلىپ ئىشلەنگەن ئايرىم ڧىلىملىرى بولدى ، مەسلەن سونىي ئىشلگەن “ئۆمۈچۈك پالۋان” ، مارۋىل ئشىلگەن”قىساسكارلار ئىتتىپاقى” قاتارلىقلار؛

مارۋىل ڧىلىم ئالىمى دىگەن نىمە ؟

مارۋىل چاتما رەسمىگە ئاللىقاچان 80 يىلچە بولۇپ قالدى ؛
لىكىن مارۋىل ڧىلىملرى بولسا 2008-يىلى “پولات  پالۋان 1” دىن باشلىنىپ ، 2019-يىلىدىكى “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” تە ئاياغلاشقان ، ئومۇمىي 22 مارۋىل ڧىلمىنى كۆرسىتىدۇ؛

بۇ 22 مارۋىل ڧىلىمى بىر پۈتۈن شەكىلدىكى ھىكايە بولۇپ ، ئايرىم ھالدا دۇنيا قارىشى بار ؛
ھەر بىر ڧىلىم ئۆز ئارا چىتىشلىق بولۇپ ، مەزمۇنلىرى بىر بىردىن ئايرىلالمايدۇ ، شۇڭا بۇنى : مارۋىل ڧىلىم ئالىمى دەپ ئاتايدۇ ، قىسقارتىپ MCU دىيلىدۇ ؛

“قىساسكارلار 4” نىمىنى سۆزلەيدۇ ؟

ئاددىيلاشتۇرۇپ ئيىتقاندا : “ئالەمنى قۇتقۇزۇش”
ئالدىنقى ھىكايلەردە ، زانوس ئىسملىك سەلبىي قەھرىمان ناھايىتى قەبىھ كۈچتىن پايدىلنىپ ، ئالەمدىكى يىرىم مەۋجۇداتنى كۈلگە ئايلاندۇرۋەتكەن ئىدى ؛
ھايات قالغان دەرجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلار بۇ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، بۇ سەلبىي قەھرىمان بىلەن قايتا بىر قىتىم جەڭ قىلىدۇ ؛

نىمىشقا “قىساسكارلار 4” بولىدۇ ؟ 

1. ئورەك تولدۇرۇش . ئالدىنقى 21 مارۋىل ڧىلمىدە ، مارۋىل ناھايىتى كۆپلىگەن ئورەك كۆمگەن . “قىساسكارلار 4” مۇشۇ 22 مارۋىل ڧىلىملىرىنىڭ ئاخىرىقى خاتىمىسى دىيشكە بولىدۇ .
2.  ئورەك كۆمۈش . بۇ 22 مارۋىل ڧىلىمى . ئورگان تەرەپتىن “چەكسىز رىۋايەت ” (Infinity Saga) دەپ ئاتالدى .

كەلگۈسىدە ، مارۋىل يەنە نۇرغۇنلىغان مارۋىل ڧىلىملىرىنى سۈرەتكە ئالىدۇ ، “قىساسكارلار 4” پەقەتلا شۇ كىينىدىكى ڧىلىملەرگە ئاساس قىلىپ ئىشلەنگەن ئەسەر ، تىخىمۇ كۆپلىگەن مەستانىلەرنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ، “قىساسكارلار 4” چوقۇم يەنە قايتا ئورەك كۆمىدۇ .
3. “سۈرەتكە تارتىپ بولالمايدۇ ” . ئەينى چاغدا ، مارۋىل پىلانلىغاندا “قىساسكارلار ئىتىپاقى” تۈردىكى ڧىلىم 3 قىسىمدىن ئىشىپ كەتمەيدۇ دەپ ئىيتقان .
لىكىن ، “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3” نىڭ مەزمۇنى كۆپ بولغاچقا سۈرەتكە تارتىپ بولالماي ، ئامالسىزلىقتىن ڧىلىمى ئىككىگە ئايرىپ سۈرەتكە تارتقان . 

مارۋىلدا كىملەر بار ؟ نىمىلەر بار ؟

تۆۋەندىكى مەزمۇندا ئاساسلىق چۈشەندۈردىغنىمىز : قەھرىمانلاردىن كىملەر بار ؟  سەلبىي قەھرىمانلاردىن كىملەر بار ؟  چەكسىز گۆھەر تاشلاردىن قايسى بار ؟

مارۋىل ڧىلىملىردىكى ئوبرازلار ھاقىقەتەن ناھايىتى كۆپ بولۇپ ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ ، ئەگەر بىر سادىق مارۋىل مەستانىسى بولمىسا ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەممە ئوبرازلارنى تونۇپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس . 

21 مارۋىل ڧىلىمى ، ھەركۈنى بىردىن كۆرۈپ چىقتى دىگەندىمۇ ، بىر ئايدىن ئاز ۋاقىت كىتىدۇ، لىكىن ھەممە ھىكايە مەزمۇننى ۋە ئوبرازلارنى ئىسىدە ساقلىۋلىش مۇمكىن ئەمەس . 
ھازىر يادرولۇق ئوبرازلار بىلەن تونشۇپ ئۆتىمىز ، كۆپچىلىكنىڭ “قىساسكارلار 4” كە بولغان چۈشنىشنى تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن .

دەرجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلاردىن كىملەر بار ؟ 

“قىساسكارلار 3” نىڭ ئاخىرىدىكى مەزمۇنغا ئاساسەن ، “ھايات قالغانلار” ۋە “كۈلگە ئايلانغانلار” دەپ بۆلەككە بۆلدۇق . 
ھايات قالغانلار ، “قىساسكارلار 3” تە پۈتۈن ئالەمدىكى مەۋجۇداتنىڭ يىرىمى كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كىيىن ، يەنىلا ھايات قالغان دەرجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلارنى كۆرسىتىدۇ ؛ كۈلگە ئايلانغانلار بولسا ، “قىساسكارلار 3” نىڭ ئاخىرىدا غايىپ بولغان كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەن قەھرىمانلارنى كۆرسىتىدۇ ؛

بۇ ئورگان تەرەپ تارقاتقان قەھرىمانلار تەشۋىقات رەسمى ، رەڭلىك تۇرغىنى “ھايات قالغانلار” رەڭسىز تۇرغىنى بولسا “كۈلگە ئايلانغانلار” . 
“قىساسكارلار 4” تە يۇقارقى بارلىق قەھرىمانلارنى چۆرىدەپ تۇرۇپ ئايلىنىدۇ . 

رەسىمدىكى ھايات قالغان 16 ئوبرازلار

پولات پالۋان ، ئامېرىكا كاپتانى ، چاقماق ئىلاھى ، قارا تۇل خوتۇن ؛
بەننا دوكتۇر(يىشىل گىگانىت ئادەم)، بۈركۈت كۆز، مارۋىل كاپىتانى، چۈمۈلە ئادەم؛
جەڭ ماشىنىسى ، راكىتا راكون ، نىبۇلا ، ئوۋكويى ؛
ئايال چەۋەنداز ، پىپپىر ، happy ، ۋاڭ ؛

قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي ، “قىساسكارلار 4” بولسا قىساسكارلار ئىتىتپاقى تۈردىكى ئەسەر بولۇپ ، تۇنجى ئەۋلاد قىساسكارلارنى مەركەز قىلغان (ئالدىدىكى 6 ئادەم شۇ) .

رەسىمدىكى 16 كۈلگە ئايلانغان ئوبرازلار 

قارا قاپلان ، غەلىتە دوكتۇر ، ئۆمۈچۈك پالۋان ، سىرىق ھەرە قىز ؛
يۇلتۇز بايۋەتچىسى ، گامورا ، ۋەيران قىلغۇچى ، گىروت ؛
ياچىۋەك قىز ، قىزىل ئايال پىرىخون ، ۋىزون ، لوكى ؛
بۈركۈت ئوۋچىسى ، زىمىستان جەڭچى ، نىك ڧۇرىي ، شۇرىي ؛

يۇقارقى نەچچە ئوبراز ئىچىدە ، گامورا ، ۋىزون ، لوكى قاتارلىقلار ئەمەلىيەتتە قۇربان بولدى ، لىكىن باشقا ئوبرازلارنىڭ ھەممىسى كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەن .

“قىساسكارلار 4” تە ئىزچىل ھالدا “مارۋىل دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلىرىنىڭ چوڭ يىغىلىشى” دەپ ئاتالغان مەنزىرە يۈز بىرىدۇ ، بەلكىم كۆپلىگەن ئوبرازلار “قايتا تىرلىشى” مۇمكىن . (بۇ بىر پەرەز )

دەرجىدىن تاشقىرى سەلبىي ئوبراز كىمۇ ؟

بۇيەردە كۆپچىلىك زانوس ئىسملىك بۇ سەلبىي قەھرىماننى تۇنىۋالسىلا بولىدۇ .

مارۋىل چاتما رەسىمىدە ، زانوس بولسا بىر كىلاسسىك بولغان سەلبىي ئوبراز ، ئىشقىلىپ ئىلھامى كەلسىلا ئالەمنى ۋەيران قىلغۇسى كىلىدۇ .

زانوس تۇنجى قىتىم 2012 – يىلى “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 1” نىڭ ئاخىرىدا نامايەن بولىدۇ ، ئارلىقتا نەچچە قىتىم ئىكرانغا چىقىدۇ ، تاكى 2018 -يىلىدىكى “قىساسكارلار 3” غا كەلكىچە ، زانوس ئاندىن باش پىرسوناژ بولۇپ رەسمىي ھالەتتە مەيدانغا چىقىدۇ .

زانوس ئىلگىرى “قىساسكارلار 3” تە ئۆز كۈچىگە تاينىپلا يىشىل گىگانىت ئادەمنى ئۇرۇپ ياتقۇزغان ؛
ئۇ كۆپلىگەن ئۇرۇشلارنى بىشدىن ئۆتكۈزگەن ، ساناقسىز پىلانىتلارغا بىرىپ سانسىزلىغان بىگۇناھ جانلىقلارنى قىرۋەتكەن؛
ئۇنىڭ ئالاھىدە بولغان بۇرچى بار بولۇپ ، پۈتۈن ئالەمنىڭ تەڭپۇڭلىقى ئۈچۈن ، مەۋجۇداتلارنىڭ قايتا داۋاملىششى ئۈچۈن ، ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئالەمدىكى يىرىم مەۋجۇداتنى قىرىپ ئالەمگە تەڭپۇڭلۇق ئىلىپ كىلىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغان ؛

چەكسىز گۆھەر تاش دىگەن نىمە ؟

بىز ئادەتتىكى سەلبىي قەھرىمانلاردىن باشقا يەنە “چەكسىز گۆھەر تاش” دىگەن بۇ ئاتالغۇنى ئىنىق چۈشنىشمىز كىرەك .
چەكسىز گۆھەر تاش بولسا ، مارۋىل ڧىلىم ئالىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمدىكى ئىلاھى قورالى.
ھەر بىر گۆھەر تاش ئالەم بەرپا بولغان چاغدا تەڭ بارلىققا كەلگەن ، ئىنىرگىيەسنى تەسەۋۋۇر قىلغىنى بولمايدۇ ، ناھايىتى قۇدرەتلىك كۈچى بار .

چەكسىز گۆھەر تاش جەمئىي 6 دانە 

كۆك رەڭلىكى بوشلۇق تىشى ، ئىشلەتكۈچى ھەر قانداق ۋاقىتتا ئالەمنىڭ ھەرقانداق بىر يىرىگە بىمالال يەتكۈزۈش ئىشكى ئارقىلىق بارالايدۇ ؛
بىنەپشە رەڭلىكى كۈچ قۇدرەت تىشى ، ئىشلەتكۈچى تۈگىمەس كۈچ قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ ، ھەتتاكى بىر پىلانىتنى ۋەيران قىلۋىتەلەيدۇ ؛
يىشىل رەڭلىكى ۋاقىت تىشى ، ئىشلەتكۈچى ۋاقىتنى خالىغانچە كونتىرول قىلالايدۇ ؛
قىزىل رەڭلىكى ھەقىقەت تىشى ، ئىشلەتكۈچى ئۆز خىيالى بويىچە رىئاللىقنى ھەقىقەتنى كونترول قىلالايدۇ ؛
سىرىق رەڭلىكى قەلىب تىشى ، ئىشلەتكۈچى باشقلارنىڭ تەپەككۇرىنى خىيالىنى كونتىرول قىلالايدۇ ؛
ئاپلىسىن رەڭلىكى بولسا روھ تىشى ، ئىشلەتكۈچى ھەرقانداق جانلىقنىڭ روھىنى كونترول قىلالايدۇ ؛

مارۋىل ڧىلىملىرنىڭ كۆرۈش رەت تەرتىپى 

ڧىلىمنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈش رەت تەرتىپى ئەلۋەتتە قويۇلۇش ۋاقتىغا قاراپ رەتكە تىزىش .

بىرىنجى بۆلەك : قىساسكارلارنىڭ توپلىنىشى
 “پولات پالۋان” ، “تەڭداشسىز خوك” ، “پولات پالۋان 2” ، “چاقماق ئىلاھى” ، “ئامېرىكا كاپىتانى : تۇنجى قساسكار” ، “قىساسكارلار ئىتتىپاقى”

ئىككىنجى بۆلەك :  يىڭى دۇنيانىڭ ئىچىلىشى 
“پولات پالۋان 3” .، “چاقماق ئىلاھى 2 : زۇلمەت دۇنياسى” ، “ئامېرىكا كاپىتانى 2 : زىمىستان جەڭچىسى” ،  “سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى “ ، “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 2 : ئولتىران ئەسىرى” ، “چۈمۈلە ئادەم”

ئۈچىنجى بۆلەك : نامەلۇم قەھرىماننىڭ باش كۆتىرىشى 
“ئامېركا كاپىتانى 3 : ئىچكى ئۇرۇش” ، “غەلىتە دوكتۇر” ،  “سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى 2” ، “ئۆمۈچۈك پالۋان : قەھرىماننىڭ قايتىپ كىلىشى” ، “چاقماق ئىلاھى 3: ئىلاھلار گۇگۇمى “ ، “قارا قاپلان” ، “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3 : چەكسىز ئۇرۇش” ، “چۈمۈلە ئادەم 2 : سىرىق ھەرە قىزنىڭ مەيدانغا چىقىشى” ، “مارۋىل كاپىتانى” ، “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4 : ئاخىرقى ئۇرۇش” 

ئۈسىتىدىكى ڧىلىملار رەت تەرتىپىگە ئاساسەن ، بىر باشتىن كۆرۈپ چىقساڭلار بولىدۇ ، شۇ باشتىن كۆرگەندە ئاندىن ھىكايە مەزمۇنىنىڭ رىتىمىغا ماسلىشىپ ماڭغىلى بولىدۇ .

دەرجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلارنىڭ ۋاقىت سىزىقى 

بۇيەدىن “قىساسكارلار 3” قويۇلۇشتىن ئىلگىركى ، “كۆڭۈل ئىچىش ژورنىلى” ئىلان قىلغان مارۋىل ڧىلىم ئالىمى ۋاقىت سىزىقى .

مۇناسۋەتلىك چوڭ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن خاتىرلىنىپ ماڭغان .

چەكسىز گۆھەر تاش ۋاقىت سىزقى 

6دانە چاكسىز گۆھەر تاشنىڭ ھەر بىرىنىڭمۇ ۋاقىت سىزقى بار ، چۈنكى 6 دانە تاش مارۋىل ڧىلىم ئالىمىنى كىسىپ ئۆتىدىغان مۇقىم سىزىقنىڭ بىرى ، ئىنىق بىلگەندە ئاندىن كۆرۈشتىن ھوزۇر ئالالايسىز .

“قىساسكارلار 4” ۋاقىت سىزىقى 

ئاساسىي سىنارىيە تىخى نامەلۇم ، لىكىن ئۆتكەن ھىكايلەردىكى ئورۇنلارنى ئوبىكتىپ قىلىپ ھىساپلاپ، ۋاقىتنى بىر يەرگە ئەكەلسەك ئومۇمىي ۋاقىت نۇقتىلىرى شەكىللىنىدۇ .
“قىساسكارلار 4” نى كۆرۈشتىن بۇرۇن مارۋىلدىكى بۇ 5 مۇھىم ئورۇنلارنى بىلمىسەك بولمايدۇ .

قىساسكارلار بازىسى 

ئاسگارد ئىلاھلار ئوردىسى

چاقماق ئىلاھىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى ، “چاقماق ئىلاھى 3” تە ۋەيران بولغان

ۋاكاندا 

قارا قاپلاننىڭ تۇغۇلغان يۇرتى ، يەرشارىدىكى ئىلىم پەن تىخنىكىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان دۆلەت ، “قىساسكارلار 3” تىكى جەڭ مەيدانى .

تىتان پىلانىتى

زانوسنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى ؛ “قىساسكارلار 3” تىكى جەڭ مەيدانى ، پولات پالۋان ئىغىر يارلانغان ئورۇن .

سەندار يىڭى يۇلتۇزى

سەندار يىڭى يۇلتۇز ئارمىيسى كۈچ قۇدرەت تىشنى ساقلاپ تۇرغان ئورۇن ، “قىساسكارلار 3” تە زانوس بۇ تاشنى ئىلىپ كىتىدۇ ، لىكىن ڧىلىمدە بۇ مەزمۇن يوق ، بەلكىم “قىساسكارلار 4” تە تولۇقلىنشى مۇمكىن .

قىساسكارلار 4 نىڭ مەزمۇنى 

“قىساسكارلار 4” نىڭ سىناريسى ، 22 ڧىلىمنڭ ئەڭ ئاخىرىقى خاتىمسى بولۇپ ، چوقۇم غەلبىلىك ھالدا مەيداننى يىغىدۇ .

ئۇنداقتا ، قانداق قىلغاندا ئالەمنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگىنى بولىدۇ ؟
چەكسىز گۆھەر تاشتىن قايتا پايدىلانغىلى بولامدۇ ؟
ھايات قالغان قىساسكارلار يەنە قۇربان بولامدۇ ؟
قۇربان بولۇشنىڭ چىكى نىمە ؟
…….

كىنوخانىغا بىرىپ ڧىلىمنى كۆرۈپ بوپ جاۋابىنى شۇيەردىن ئىزدەيمىز .

ئاخىرىدا مەستانىلەرنىڭ چوقۇم ڧىلىمنى كىنوخانىغا بىرىپ كۆرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن .

“قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4 : ئاخىرىقى ئۇرۇش” قويۇلۇشقا يەنە 2 كۈنلا ۋاقىت قالدى !

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن 


© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ