خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر …
يىقىقى كۈندىكى زىيارەتتە ، “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” رىژىسورى روسۇ ۋە سىنارىيلەشتۈرگۈچى قاتارلىقلار ڧىلىمدىكى بىر نەچچە مۇچىم ئوبرازلارنىڭ خاتىمىسى توغۇرلۇق سۆزلەپ ئۆتتى .
باشتىكىسى كاپىتان توغۇرلۇق مەزمۇنلار …
“ئالاھىدە خادىم كات” ئىچىدە پىگگىي ئالدىنىقى ئەسىر 70- يىللىرىلا توي قىلىپ بولغان ، ئۇنداقتا كاپىتان قايتىپ بارغان چاغدا ئۇلار ئوتۇرسىدا توقۇنۇش ھاسىل بومامدۇ ؟
روسۇ : ئەمىليەتتە ڧىلىمدە بىز ئاللىقاچان ئۆتمۈشكە قايتقاندا ۋاقىت سىزقىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغىننى ئىنىقلاپ ئۆتتۇق ، بىر ئادەم ئۆتمۈشكە قايتقاندا بىر يىڭى پاراللىل اۇنيا ھاسىل بولىدۇ ، كاپىتان ئەمىليەتتە يەنە بىر يىڭى بولغان خاتىرجەم پاراللىل ئالەمگە بارىدۇ ، ھەم شۇ ۋاقىتتىكى تىخى توي قىلمىغان پىگگىي بىلەن توي قىلىدۇ .
شۇڭا كاپىتان ئۆتمۈشكە قايتىقاندا ، يىڭى بىر پاراللىل ئالەم ھاسىل قىلغان ، ھەمدە شۇ ۋاقىت سىزىقى ئىچىدە ئىككى ئامېرىكا كاپىتانى بولۇپ قالغان ، بىرسى ئەينى چاغدا مۇز ئوكيانغا چۈشۈپ كىتىپ مۇزلاپ قالغان كاپىتان ، يەنە بىرسى بولسا ۋاقىت ھالقىپ ئۆتۈپ پىگگىي بىلەن توي قىلىپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن .
كاپىتاننىڭ ياشانغان ھالەتتىكى گىرىمىنى قانداق پەيدا قىلغان ؟
روسۇ : كاپىتاننىڭ ياشانغان ھالەتتىكى گىرىمىنىڭ %95 تى CG ئۈنۈم تىخنىكىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان يەنە %5 بولسا ئىۋانىس ئۆزى گىرىم قىلغان ، لىكىن ئاۋاز بولسا ئىۋانىسنىڭ ئۆزنىڭ ئاۋازى ، بىز ھىچقانداق بىر تەرەپ قىلىش ئىلىپ بارمىدۇق .
كاپىتان روھ تىشىنى قايتۇرۇپ بارغان چاغدا ، ئۇ چوقۇم قىزىل سۆڭەكنى ئۇچرىتىدۇ ، شۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئوتۇرسىدا قانداق ۋەقەلىك يۈز بىرىدۇ ؟
روسۇ : كاپىتان گۆھەر تاشنى قايتۇرۇپ بەرگەن ۋاقىتتا ھىچقانداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ ، بەلكىم كاپىتان قورقۇپ كىتىشى مۇمكىن ، لىكىن قىزىل سۆڭەك ئاللىقاچان بۇرۇنقى ئۇ ئادەم ئەمەس ، ئۇ تىخىمۇ بىر ئۆلۈك ئەرۋاھقا ئوخشايدۇ ، پەقەت روھ تىشىنى قوغداش ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ، ئۇ ھازىر باشقا بىر ئوخشىمىغان مەۋجۇداتقا ئايلىنىپ بولدى ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ھالىتىنىمۇ يوقىتىپ قويدى .
ئەڭ ئاخىرىدا ئىكرانغا چىققىنى ئاساسىي دۇنيادىكى ئامېرىكا كاپىتانىمۇ ؟
روسۇ : ئەلۋەتتە ئاساسىي دۇنيادىكى ئامېرىكا كاپىتانى ، ئۇ گۆھەر تاشلارنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ، ئەمىليەتتە يەنە بىر يىڭى دۇنيادا ھايات كەچۈرىدۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ۋاقىت ھالقىپ كىلىپ ڧىلىم ئىچىدىكى ۋاقىت سىزقىغا قايتىپ كىلىدۇ ، ھەمدە قالقاننى بۈركۈت ئوۋلىغۇچىغا بىرىدۇ .
ئەمدى قارا تۇل خوتۇن توغۇرلۇق مەزمۇنغا كىلپ سۆزلەيلى ….
نىمىشقا قارا تۇل خوتۇننى ۋورمىيىردا قۇربان بولدىغانغا تاللايسىلەر ؟
سىنارىيەلەشتۈرگۈچى : ئەمىليەتتە بىز قىساسكارلارنىڭ ھەممىسىنى ئەكىلىپ قارايدىغان بولساق ، ناتاشانىڭ سەپىرىنىڭ ئاللىقاچان بىر چەككە يەتكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز . ئۇنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى مۈشكۈل ئۆتكەن ، بىر ئۆمۈر قىيناشتا ، قورقونۇچ ۋە روھى جەھەتتىن كونتىرول قىلىشتا ئۆتكەن ، شۇڭا ئۇ ۋورمىيىر پىلانىتىغا كەلگەندە ، ئەگەر ئۇنىڭ ئائىلسىدىكىلەرنى قايتۇرۇپ كىلىش پۇرسىتى بولغان بولسا ، ئۇ چوقۇم ھەرگىزمۇ ئىككىلەنمەي بۇ گۆھەر تاش سودىسىنى قىلاتتى .
بىز ئۆزىمىز تەرەپتىن ئىيتساق ، ئەڭ قىيىم بولغىنى بىز داۋاملىق مەستانىلەرنىڭ بۇ ئىچىنىشلىق ھالەتكە يۈزلىنەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيمىز . چۈنكى خەتەر يەنىلا مەۋجۇت ، سۇئال يەنىلا يىلتىزىدىن ھەل بولغىنى يوق . لىكىن بىز ئەڭ مۇھىم بىر ئوبرازدىن —– بىر ئايال قەھرىمانىمىزدىن ئايرىلدۇق ، بىر ئەماى ئۇنى قانداق ئەسلەپ تۇرشىمىز كىرەك ؟ شۇڭا شۇ چاغدىن كىينكى ئىكراندا تۇنجى ئەۋلاد قىساسكارلار بۇ بىر نەپەر ئايال قەھرىماننىڭ ئۆلۈپ كەتكىنى ئۈچۈن ئازاپلىنىدۇ .
نىمىشقا بۈركۈت كۆزنى قارا تۇل خوتۇننىڭ ئورنىغا قويۇپ قۇربان قىلمىدىڭلار ؟
سىنارىيلەشتۈرگۈچى : ئەمىليەتتە ، ئالدىنقى سىنارىيە ئورۇنلاشتۇرىشىدا ، بىز بۈركۈت كۆزنى ۋورمىيىردا قۇربان قىلدۇرۇشنى ئويلاشقان ، لىكىن مۇنازىرە جەريانىدا بۇنىڭ ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىغان ، ھەمدە بۈركۈت كۆزنىڭ ئائىلسىدىكىلەر بولغاچقا ئۇلار بىلەن قايتا جەم بولالمىسا ئانچە ۋەقەلىك خۇسۇسىيتى بولمايدىكەن ، شۇڭا بۇ نۇقتىىدىن ۋاز كەچكەن .
سىلەر پولات پالۋانغا يۈز كىلەلىگۈدەك بىر دەپنە مۇراسىمى ئورۇنلاشتۇرۇپسىلەر ، نىمىشقا قارا تۇل خوتۇنىغىمۇ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزمەيسىلە ؟
سىنارىيلەشتۈرگۈچى : تونىي سىتاركنىڭ دەپنە مۇراسىمى بار ، لىكىن ناتاشانىڭ يوق ، بەزى سەۋەبلەردىن ئىيتقاندا تونىي بىر ھەممىگە تونۇشلۇق شەخىس ، لىكىن ناتاشانى ئىلىپ ئىيتساق بۇ ئىزچىل ھالدا بىر سىر بولۇپ تۇرۋاتقان شەخىس ، ئۇنىڭغا بىر ئوچۇق بولغان دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزسەك بۇ ئوبرازنىڭ خاسلىقىغا ئانچە ماس كەلمەي قالىدۇ . ئەڭ چوڭ مەسىلە شۇكى چاقماق ئىلاھى “بىزدە چەكسىز گۆھەر تاشلار بار ، نىمىشقا ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكەلمەيمىز ؟” دەپ سورىغىنى بولدى . پات ئارىدا ئۇنىڭ ئايرىم ڧىلىمى ئىشلىنىپ قايتا ئىكرانغا چىقىدۇ . (بەلكىم بۇ ئورگان تەرپنىڭ يوشۇرۇن ئەسكەرتىشى )
ئەڭ ئاخىرقىسى پولات پالۋان توغۇرلۇق مەزمۇن ….
نىمىشقا پولات پالۋانغا بىر مۇكەممەل بولغان يوشۇرۇن سەھنىدىن چىكىنىش ھازىرلىمايسىلەر ؟
روسۇ : بىز ئاللىقاچان ئۇنىڭغا يوشۇرۇن چىكىنىش پۇرسىتى بەردۇق ، ڧىلىم ئىچىدە ئۇ پىپپىر بىلەن بەخىتلىك ھالدا بەش يىل تۇرمۇش كەچۈردى ، ھەم يەنە بالىسى بولدى ، لىكىن ئۇ دىگەن بىرقەھرىمان ، ئۇ ئاللىقاچان شۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلدىغان تۇرمۇشقا ئىرىشكەن ، شۇڭا ئاخىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىدى . بىز بۇنى بىر ئچىنىشلىق ھىكايە دەپ قارىمايمىز ، بەلكى بىر قەھرىمانلىققا تولغان ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىشى بولىدۇ .
غەلىتە دوكتۇرنىڭ پولات پالۋانغا قولىنى 1 دەپ كۆرسىتىشىنىڭ نىمە مەنىسى بار ؟
روسۇ : غەلىتە دوكتۇر ئاللىقاچان 14 مىليون قىتىم كەلگۈسىنى كۆرۈش ئارقىلىق شۇنى بىلگەنكى ، پەقەت پولات پالۋاننى قۇربان قىلغاندىلا ئاندىن شۇ بىر قىتىملىق غەلبىنى قولغا كەلتۈرگىنى بولىدۇ ، ئۇ ئاللىقاچان پولات پالۋاننىڭ قۇربان بولىشىنى بىلىپ بولغان ، شۇڭا ئۇ ئۆزى خالاپ پولات پالۋاننىڭ جىنىنى گۆھەر تاش بىلەن ئالماشتۇرىدۇ .
ئەگەر ئەڭ ئاخىرقى قولدىن قاس چىقىرىش پۇرسىتىنى پولات پالۋانغا بەرمەي ، چاقماق ئىلاھىغا يەكى مارۋىل كاپىتانىغا بەرسەك بولمامدۇ ؟
روسۇ : چاقماق ئىلاھى بولمايدۇ ، چۈنكى شۇ ۋاقىتتىكى ئۇنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى ، ئۇنىڭ بۇنداق قىلشىغا ماس كەلمەيدۇ ، نۇقتىلىق يىرى شۇكى ئۇ گۆھەر تاشنىڭ غايەت زور ئىنىرگىسيىسىنى قوبۇل قىلىپ بولالمايدۇ ، يىشىل گىگانىت ئادەمنىڭ قوبۇل قىلالىشىدىكى سەۋەپ ئۇنىڭ گاما نۇرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتدە . مارۋىل كاپىتانىنى ئىلىپ ئىيتساق مەن ئۇنىڭ بۇ ئىنىرگىيەنى قوبۇل قىلاليدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلمەيمەن ، لىكىن ئەينى چاغدىكى ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق ، پولات پالۋانلا كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ جىددىي ئەھۋالنى ھەل قىلىدۇ .
مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .
ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش