راكىتا راكون ئالەمدىن ئۆتتى

图片[1]-راكىتا راكون ئالەمدىن ئۆتتى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

دوستلار ياخشىمۇسىلەر؟

چاشقان ، ئىتىز چاشقىنى ، كۈچۈك ، توشقان ، ئەخلەت مۇشۈك ئىييىق ، ئۈچبۇلۇڭ يۈزلۈك مايمۇن … 

سامانيولى قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قورال ياساش مۇتەخخەسسىسى راكىتانىڭ مارۋىل ڧىلىم ئالىمىدە ئاز بولمىغان لەقەملىرى بار ، ئەمەلىيەتتە راكىتا بولسا يۇقىرى ئەقىل پاراسەتلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن كىچىك راكون ئىييىقى .

图片[2]-راكىتا راكون ئالەمدىن ئۆتتى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
بۇ ئۆزى كىچىك ئاچچىغى يامان قەھرىمان ئوبرازىنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن ، مارۋىل نۇرۈغۇنلىغان قان تەرىنى سەرىپ قىلغان  ئىدى .

图片[3]-راكىتا راكون ئالەمدىن ئۆتتى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

راكىتانىڭ ئەسلى قىياپىتى ئالەمدىن ئۆتتى 

راكىتا راكونغا ئاۋاز بەرگەن ئارتىس بولسا بېرەدىلىي كوپىر ، كومىدىيە ڧىلىمى “چىشلىۋالغان ھاراق” (宿醉) نى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ ، ڧىلىمدە بېرەدلىي كوپىر ئەڭ كىلىشكەن قولداش ڧىيىرنىڭ رولىغا چىقىدۇ .

图片[4]-راكىتا راكون ئالەمدىن ئۆتتى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
راكىتا راكونغا ھەركەت تۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ رولىغا چىققان ئارتىس بولسا سەيىن گان ، “سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى” ڧىلىملىرىدە راكىتتانىڭ ھەركەتلىك تۇتۇش ئۈنۈمىنى ئىشلەشتىن باشقا ، ئۇ يەنە يوندۇنىڭ ئىز باسارى كىراگىلىننىڭ رولىغا  چىقىدۇ .

图片[5]-راكىتا راكون ئالەمدىن ئۆتتى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئەمىليەتتە راكوننىڭ ئەسلى ھالىتى بولسا ، ئاۋۇستىرالىيەدىن كەلگەن “Oreo” ئىسىملىك راكون ئىييىق . 
2014-يىلى “سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى”ڧىلىمىنىڭ تۇنجى قويۇش مۇراسىمىدا ، رىژىسور جامىس گان ئورىئونى قۇچاقلىغىنىچە مەيدانغا كىرىپ كەلدى .

图片[6]-راكىتا راكون ئالەمدىن ئۆتتى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بۈگۈن بۇ مارۋىلنىڭ قەھرىمانى ئورىئو ، ئىگىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاستا ئاستا مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتكەن ئىدى ، 10 يىل ئۆمۈر كۆردى . 
“قىساسكارلار 3” تىن كىيىن سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى ئىچىدىن راكىتا راكوندىن باشقا ھەممىسى كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى .

图片[7]-راكىتا راكون ئالەمدىن ئۆتتى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بۇ قىتىم راكىتانىڭ ئەسلى قىياپىتى كىسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى ، بۇ قىتىم سامان يولى قوغدىغۇچىلىرى ئاخىرى ھەممىسى “ئۆلدى” …

راكىتا راكون 1976- يىلى تۇنجى بولۇپ مارۋىل چاتما رەسىملىرىگە چىققان . 
راكىتا راكون ئاتاقلىق بەتىلىس مۇزىكا ئەتىرىتى 1968 يىلى تارقاتقان مۇزىكا “Rocky Raccoon” غا ھۆرمەت بىلدۇرۈلگەن . راكىتا راكون (Rocket Raccoon) بۇ ئىسىممۇ مۇزىكىنىڭ ئىسمىغا ناھايىتى يىقىن بولۇپ ، پەقەت ئىككى ھەرىپلا پەرىق ئىتىدۇ .

图片[8]-راكىتا راكون ئالەمدىن ئۆتتى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

راكىتا ھەققىدە

مارۋىل ئالىمىدە ، بىر ئىلغار پەن تىخنىكا مەدەنىيتىگە ئىگە تاشقى پىلانىت ئادەملىرى ساراڭلار ساناتوريىسى قۇرىدۇ ، لىكىن كىيىنچە ئىقتىساد مەسىلىسى تۈپەيلى تاشلىنىپ قالىدۇ . 
دوختۇرخانىدىكى بىمارلارنىڭ ھالىدىن داۋاملىق خەۋەر ئىلىش ئۈچۈن ، بۇ تاشقى پىلانىت ئادەملىرى يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە ماشىنا ئادەملەرنى بۇ يەرگە قويۇپ كىتىدۇ . 

图片[9]-راكىتا راكون ئالەمدىن ئۆتتى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
ماشىنا ئادەملەرمۇ ئاستا ئاستا زىركىپ كەتكەن ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ماشىنا ئادەملەر دوختۇرخاندىكى ئەرمەك ھايۋانلارنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەپ سىستىرالارنىڭ ئورنىغا قويىدۇ ، راكىتا راكون مانا شۇنىڭ بىلەن ھاياتلىققا ئىرىشىدۇ . 
راكىتا راكون بولسا مارۋىل ئالىمىدكى ياللانما ئوۋچى ۋە پىلانىت كىزەر ياللانما ئەسكەر ، ئۇ ھەرقانداق پۇل تاپىدىغان ۋەزىپىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ . 

图片[10]-راكىتا راكون ئالەمدىن ئۆتتى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
ڧىلىمدە ، راكىتا ئەمىليەتتە راكوننىڭ قانداق ھايۋان ئىكەنلىكىنى بىلمەيتى ، يۇلتۇز بايۋەتچىسى ئۇنىڭغا راكونغا بەك ئوخشايدىغانلىقىنى ئىيىتقاندا ، راكىتا يەنە ئۇنىڭدىن سورايدۇ : “راكون دىگەن نىمە ؟ ” 

بۇ يىل 4- ئاينىڭ 26- كۈنى قويۇلىدىغان “قىساسكارلار 4” تە ، راكىتتا سامانيولى قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئاخىرىقى ئەزاسى بولغانلىقى ئۈچۈن ، قىساسكارلار ئىتتىپاقىنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى كىزىشىنىڭ نۇقتىلىق ئادىمى بولۇپ قالىدۇ . ئالەم بوشلۇقىدا لەيلەپ يۈرگەن پولات پالۋان قۇتۇللۇپ قالامدۇ يوق ، راكىتتا راكون بۇيەردىكى ئەڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ . 

图片[11]-راكىتا راكون ئالەمدىن ئۆتتى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

راكىتتا بىزگە قىيمىغان ھالدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى ، ئۇ بىرىنجى بولۇپ سىتان لى بوۋاينىڭ يىنىغا كەتتى ، ھەممىمىزنىڭ ئۇنى ئەسلەپ تۇرشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

图片[12]-راكىتا راكون ئالەمدىن ئۆتتى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

مەزمۇننى ياقتۇردىڭىزمۇ ؟ ئەمسە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ..

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ