دەرىجىدىن تاشقىرى جەڭچى ئەملىيەتتىمۇ مەۋجۇتمۇ ؟

 

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر  … 

 

ئامېرىكا كاپىتانى سىتىۋىن . روجىس ئەسلى ناھايىتى ئاۋاق ، ئاجىز ، كىسەلچان بىر ياش ئىدى ، لىكىن ئۇ داۋاملىق ئالدىنقى سەپكە قاتنىشىپ دۈشمەنلەرنى مەغلۇب قىلپ ئۆز ۋەتىنىگە بىر كىشلىك تۆھپە قوشقىسى بار ئىدى ،

ئارقىدىن ئۇ “دەرىجىدىن تاشقىرى جەڭچى” پىلانىغا قاتناشتۇرۇلدى ، ھەمدە ئېرىسكىن دوكتۇرنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى جەڭچى قان زەردابىنى ئۇرغاندىن كىيىن ، ھەممىدىن باتۇر ئامېرىكا كاپىتانىغا ئايلانغان ئىدى .

 

فىلىمدا بىز روجىسنىڭ ھەرخىل ئىلغار پەن تېخنىكا ئۇسۇلى ئارقىلىق ئادەتتكى ئادەمدىن دەرىجدىن تاشقىرى جەڭچى بولغنىنى كۆردۇق .

ئەمما ئەمىليەتتىچۇ ؟ بىز ياشاۋاتقان ھازىرقى زاماندىمۇ راسلا دەرىجدىن تاشقىرى جەڭچى مەۋجۇتمىدۇ ؟

 

 

ئامېرىكنىڭ بىر سىملىق تېلۋىزىيە خەۋەر قانىلىنىڭ ئاخبارات قىلىشىچە ، فىرانسىيە ھەربىي ئىشلار كىڭىشى ھەيئەت ئەزاسىنىڭ ئالدىنقى ئايدا يوللىغان بىر دوكىلاتىدا ، ئاللىقاچان دۆلەت ھەربىي ئىشلار تەجىربىخانىسىنىڭ “دەرىجدىن تاشقىرى جەڭچى” پىلاننىڭ تەستىقلانغانلىقى ئاشكارلانغان .

 

بۇنىڭ ئىچدە دورا ماتىريالى ، يالغان پۇت ۋە ئۆزەك قاچىلاش ئارقىلق جەڭچىلەرنىڭ چوڭ مىڭىسى ۋە بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ . ھەمدە بۇ ئارقىلىق جەڭچىلەرنىڭ بەدەن ، بىلىم ، ئىنكاس ۋە پىسخىكا ئىقتدارىنى يۇقىرلاتقىلى بولىدكەن .

 

 

فىرانسىيە ھەربىي ئىشلار ھەيئەت ئەزاسى يەنە مۇنداق دىدى : ” بارىلىق تەجىربىلەر چوقۇم ھەربىي ئىشلار قانۇنىغا ۋە ئادىمىيلىك نۇقتىسىغا رىئايە قىلغان ئاساستا ئىلىپ بىرلىدۇ .”

 

شۇڭلاشقا بەدەنگە ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ۋە ياكى ئۆزەك قاچىلاش ئارقىلق “دەرىجىدىن تاشقىرى جەڭچىلەرنىڭ” ئەركىنلىكىگە تەسىر يىتىدغان ھەرقانداق بىر ئىش چەكلىنىدۇ .

 

لوندون پادىشاھ ئىنستىتۇتى پىروففىسورى Michael Clark قۇياش گىزىتىنىڭ زىيارىتنى قوبۇل قىلىۋاتقاندا مۇنداق دەيدۇ : “بىز ھازىر ئاللىقاچان ئىنسانلار گىن تۈزلىشىنى بىر تەرەپ قىلالايدغان ئورۇنغا كىلىپ بولدۇق ، بۇ ئارقىلىق بىز ئۇلارنى تىخىمۇ كۈچلۈك ۋە چىدامچان قىلالايمىز .”

 

 

ئامېرىكا سىمىلق تېلۋىزيە خەۋەر تورى 2016 – يىلدىكى ۋاقىتتلا ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ھازىر ئىلغار پەن تېخنىكلار ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە ئۆزەك كىرگۈزۈپ ، ئادەم چوڭ مىڭىسى ۋە كومپىيۇتىرنى ئۇلىغىلى بولىدغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بىرىپ ئۆتكەن .

 

بۇندىن باشقا ئۇلار يەنە ئۆزەك كىرگۈزۈش تېخنىكىسى ئارقىلق ، جەڭدە ئىغىر يارلىنىپ پالەچ ، مىيىپ بولغان ۋە كۆرۈش ئاڭلاش سىزمىنى يوقاتقان جەڭچىلەر ئۈچۈن ، ئالاھىدە تەيارلاپ ئۇلارغا قايتا ھاياتنىڭ ئىللىقلىقنى ئاتا قىلماقچى بولغان .

 

 

كەلگۈسى يەنە قانداق بولىدۇ ، كىم بىلىدۇ ؟ مەيلى پولات پالۋاننىڭ ئىلغار جەڭ ساۋۇتى بولامدۇ ۋە ياكى دەرىجىدىن تاشىقرى جەڭچى بولامدۇ ، ھازىرغا نىسبەتەن ئىيتقاندا بۇ ھەرگىزمۇ فانتازىيەلىك كىنولاردا كۆردۈم دىيش كەتمەيدغاندەك قىلىدۇ ، پەن تىخنىكلار ئۈزلۈكسىز يىڭلىنىۋاتىدۇ ، بۇلارنىڭمۇ مۇمكىن بولۇپ قالدغان كۈنلىرى بەلكىم ئازلا قالدى …

 

بۈگۈنكى پەقەت تىما مەزمۇننى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈنلا ھەربىي ئىشلار خەۋەرلىرى ئاساس قىلندى …

 

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلىشىنى قارشى ئالىمەن ~

 

مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولىسڭىز دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ ❤

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ