مارۋىل يەنە 2 بۆلۈم قارا قاپلان فىلىمى ئىشلىمەكچى

 

مارۋىل يەنە 2 بۆلۈم قارا قاپلان فىلىمى ئىشلىمەكچى ...

 

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر  … 

 

بۇ يىل 8 – ئاي بارىلىق مارۋىل مەستانىلىرىگە نىسبەتەن ئەڭ كۆڭۈلسىز ئۆتكەن بىر مەزگىل بولۇپ قالدى ، مارۋىل ئوبرازى قارا قاپلاننىڭ رول ئالغۇچىسى چادۋىك . بوسمەن ئۈچەي راكى سەۋەبلىك 43 يىشىدا بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى . بوسمەن ۋاپات بولغاندىن كىيىن ، پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇردى ، ئۇنىڭ ئۆلۈمى تۇيۇقسىزلا كەلگەچكە ، مارۋىلنىڭ ئەسلى پىلانىدىكى <قارا قاپلان 2> فىلىمىمۇ تەڭ ئەگىشىپ ئۈستىگە قارا تونلار يىپىلدى .

 

مارۋىل يەنە 2 بۆلۈم قارا قاپلان فىلىمى ئىشلىمەكچى ...

 

ئەسلى پىلان بويىچە ئىيتقاندا ، <قارا قاپلان 2> فىلىمى 2022 – يىلى 7 – ئايدا قويۇلماقچى ئىدى . لىكىن بوسمەننىڭ بىزدىن ئايرىلىشى بىلەن ، مارۋىل تەرەپ ئامالسىز فىلىم ئىشلىنىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈردى . ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى بەسبەستە مارۋىل ئەمدى قارا قاپلاننىڭ ئورنىغا كىمنى قويىدىغاندۇ دەپ پەرەز قىلىپ تۇرغان ۋاقىتتا ، مارۋىل سىتودىيسى باش لىدىرى كەيۋىن . فەيج مۇنۇلارنى بىلدۈردى : “مارۋىل ھەرگىزمۇ بوسمەن رولىغا چىققان قارا قاپلاننى ئالماشتۇرۋەتمەيدۇ ، ھەمدە ھەرقانداق CGI تېخنىكىسى ئارقىلىق بوسمەننى قايتا تىرىلدۈرمەيدۇ . ”

 

بۇنداق جاۋاب ھەممە تاراتقۇلارنىڭ ھەمدە مەستانىلەرنىڭ كاللسىنى قايمۇقتۇرۇپ قويغان ئىدى ، ئارتىسمۇ ئالماشمىسا ، تېخنىكا ئارقىلقمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ چىراينى جايىغا قويمسا ، ئۇنداقتا كىيىنكى بۆلۈملىرىدە قارا قاپلاننىڭ رولىنى قانداق ئالىدۇ ؟

 

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى ، مارۋىل ۋاپات بولغان بوسمەننى ھۆرمەتلەپلا قالماي ، يەنە كىلىپ بىر ئارتىس تۇيۇقسىز كىلىشمەسلىككە يولۇقسا قانداق قىلىپ كىيىنكى پىلاننى تەمتىرمەي ماڭالىغۇدەك تەييارلىقنى پۈتكىزۋالغان .

مارۋىل يەنە 2 بۆلۈم قارا قاپلان فىلىمى ئىشلىمەكچى ...

 

بۈگۈنكى ئەڭ يىڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ، بوسمەن ۋاپات بولغاندىن كىيىن ، مارۋىل يەنە 2 بۆلۈم <قارا قاپلان> فىلىمى ئىشلەيدۇ ، ھەمدە بۇ 2 بۆلۈم فىلىم بوسمەننىڭ قارا قاپلان رولىنى ئالماشتۇرۋەتمىگەن ئاساستا داۋاملىىشدۇ .

 

بۈگۈنكى <ۋوللىۋود ئاخباراتچىسى> تاراتقۇچىسنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، چادۋىك . بوسمەننىڭ ۋاستىچىسى مايكول . گىرىننى مارۋىلنىڭ ئون مىلىيون دوللار چىقىرىپ بوسمەن بىلەن <قارا قاپلان 2> فىلىمىگە توختاملاشقانلىقى ، ھەمدە بوسمەن ۋاپات بولۇشنڭ ئالدىدا <قارا قاپلان 3> فىلىمىگە قاتنىشدىغانلىقى ۋە بوسمەننىڭ بۇ فىلىملارنىڭ ئىشلىنىش جەريانىغا ۋە رىژىسورلار كوللىكتىپىغا ھەمدەم بولىدغانلىقىنى ئاشكارلىغان  .

 

مارۋىل يەنە 2 بۆلۈم قارا قاپلان فىلىمى ئىشلىمەكچى ...

 

ۋاستىچىنىڭ ئىيتىشىچە ، چادۋىكنىڭ دىققەت قىلىدىغىنى ئەزەلدىن پۇلدا ئەمەس ، ئۇ پەقەت “ئۆزىنىڭ بىر ئارتىس بولۇش سالاھىيتى بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك مۇھىمراق ، مەنىسى بار ئىشلارنى قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى ” 

 

“ئۇ ئىزچىل مەنىسى بار ئىشلارنى قىلىشنى ياقتۇراتتى ، خۇددى ئۇ رول ئالغان ھەر بىر ئوبرازغا ئوخشاش ، مەيلى تېلۋىزىيە فىلىمى بولسۇن ۋە ياكى كىنو بولسۇن ، ئۇ چوقۇم ئۆزىدكى ئەڭ تولۇق بولغان قىممەت قارىشىنى باشقىلارغا بىلدۈرەتتى ، ئۇ ئاجىز كىشلەر توپىنىڭ سۆز قىلغۇچىسى بولۇشنى ئۈمۈد قىلاتتى ، شۇڭا ئۇ ماڭا داۋاملىق ئۆزىدىكى بۇ نۇقتىلارنى سۆزلەپ بىرەتتى ، ئەينى چاغدا <42 – نۇمۇرلۇق رىۋايەت> فىلىمىنى سۈرەتكە تارتىۋاتقاندا ، بىز بىللە دۆلەتلىك نىگىرلار ئۇيۇشمىسىغا بارغاندا ، ئۇ جىسىي . جىكسون بىلەن بىللە تۇرغان ئىدى ، ئۇ مۇشۇ ئىشتىنمۇ ئۆزىنىڭ ھايات يولدىكى چوڭ بىر ئىپتخارلىق دەپ ھىس قىلاتتى .”

 

ئەلۋەتتە <قارا قاپلان> تۈرىمۇ چادۋىكنىڭ تەلەپ قىلغان بىر تۈرى ئىدى ، 2018- يىلى قويۇلۇشى  بىلەنلا پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى ، دۇنيادىكى بارلىق قارا تەنلىكلەرنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئىرىشتى ، فىلىممۇ شۇ ۋاقىتتكى ئوسكار ئەڭ نادىر فىلىم تۈرىدە ئىسمى ئاتالدى ، بۇ تۈرگىمۇ مارۋىل ناھايىتى كۆپ قان تەرىنى سىڭدۈرگەن ئىدى .

 

مارۋىل يەنە 2 بۆلۈم قارا قاپلان فىلىمى ئىشلىمەكچى ...

 

بۇندىن ئىلگىرى <قارا قاپلان 2> فىلىمى 2021 – يىلى 3 – ئايدا سۈرەتكە ئىلىشقا باشلىناتتى ، چادىۋىكنىڭ ئايرىلىشى بىلەن مارۋىل گەرچە ۋاقىتنى ئارقىغا سۈرگەن بولىسمۇ ، لىكىن ئارقىغا سۈرگەن ۋاقتى پەقەتلا 4 ئاي بولدى ، 2021 – يىلى 7 – ئايدا ئاتلانتادا رەسمىي سۈرەتكە ئىلىش باشلىنىدۇ ، مارۋىل قانداق قىلىپ ئالدىدكى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدغاندۇ ، بىز ئەمدى ساقلاپ باقايلى … 

 

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلىشىنى قارشى ئالىمەن ~

 

مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولىسڭىز دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ 

مارۋىل يەنە 2 بۆلۈم قارا قاپلان فىلىمى ئىشلىمەكچى ...

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش1تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ