<پولات بۆرە قىزى> فىلىمى ئاخىرى يىتىپ كىلىدغان بولدى !

图片[1]-فىلىمى ئاخىرى يىتىپ كىلىدغان بولدى !-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر  …

 

<قارا سۇمرۇغ> فىلىمىنىڭ ئاياغلىشىشى بلەن ، 20 يىل دەۋىر سۈرگەن X جەڭچى ئالىمىنىڭ پەردىسى ئاخىرى يىپىلدى ، بۇ X جەڭچىلىرىنىڭ مەستانىلىرگە بولغان ناھايىتى قايغۇلۇق بولغان بىر خەۋەر ئىدى ، گەرچە 21-ئەسىر فوكىس شىركىتىنى دىسنىي بىراقلا سىتۋىلىپ ، بارىلىق X جەڭچى تۈرىنىڭ نەشىر ھوقۇقى مارۋىلغا قايتقان بولسىمۇ ، لىكىن كۆپچىلىككە مەلۇمكى ، يىقىنقى مەزگىل ئىچىدە بىزنىڭ X جەڭچى تۈرىدىكى ئاشۇ قەھرىمانلارنىڭ سىماسىنى قايتا ئېكراندا كۆرىشىمىز ناھايىتى تەس ئىدى .

 

图片[2]-فىلىمى ئاخىرى يىتىپ كىلىدغان بولدى !-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە تولۇق ھالدا پىلانلىنىپ كەلگەن MCU (مارۋىل فىلىم ئالىمى) غا قارايدغان بولساق ، بۇلارنىڭ X جەڭچى تۈرىنى قوزغىتىپ يۈرگۈزىشىگە يەنە مەلۇم بىر ۋاقىتلا كىتىدۇ . ئەمما كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ئويلاۋاتقاندا ، تۇيۇقسىزلا ئىشلاردا ئۆزگىرىش يۈز بەردى ، ئىلگىرى <پولات بۆرە 3> فىلىمىدا “پولات بۆرە قىزى” نىڭ رولىغا چىققان دەيۋى . مىكائىن نىڭ ئاشكارلىشىچە ، ئۇ ھازىر <X – 23> تۈرىدە قايتا جىن . لاۋرا ئوبرازنىڭ رولىغا چىقىش ئۈچۈن توختاملىشىۋىتپتۇ .

(“پولات بۆرە 3” تىكى كىچىك قىزچاق شۇ ، ھازىر مارۋىلنىڭ يىڭىدىن ئشىلىمەكچى بولغان X جەڭچى تۈرىگە قاتناشماقچى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ .)

 

图片[3]-فىلىمى ئاخىرى يىتىپ كىلىدغان بولدى !-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

2017 – يىلى <پولات بۆرە 3> قويۇلدى ، ھەمدە بىز ئەزەلدىن ياقتۇرۇپ كەلگەن “بۆرە تاغىمىز” شىيۇ . جەكمەن ئۆزىنىڭ پولات بۆرە رولىنى ئىلىپ كەلگەن سەھنە ھاياتىغا بىر چىكىت قويدى ، بۇمۇ لوگىن دەپ ئاتالغان بۇ ئوبرازنىڭ ئەڭ كىلاسسىك ھىكايە بولىشىغا سەۋەپچى بولدى . ئەمدىلكتە بۆرە تاغمىزنىڭ قىزى X – 23 تۈرىدىكى ئىپادىسمۇ ناھايىتى كۆرنەرلىك ياخشى بولغان ، قىزى ۋە بۆرە تاغىمىزنىڭ ئوتۇرسىدىكى ئاتا باللىق مىھرى نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنىڭ كۆزيىشىغا سەۋەپچىمۇ بولغان ئىدى ، فىلىم ئاخىرلاشقاندا بولسا نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنى جەلىپ قىلغان ئىدى .

 

图片[4]-فىلىمى ئاخىرى يىتىپ كىلىدغان بولدى !-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

ئۇنىڭ ئۈستىگە X جەڭچى تۈرى مارۋىلنىڭ قولىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان مەستانىلەر ، كىچىك بۆرە قىزنىڭ بۇندىن كيىنكى X جەڭچى فىلىملىرىغا قايتا قاتنىششىنى ئۈمۈد قىلغان ، بۇمۇ مارۋىل سىتودىيسى باش لىدىرى كەيۋىن . فەيىج نىڭ دىققتىنى تارتقان ئىدى . ئاخىرى دىسنىيمۇ فوكىس شىركىتىنى سىتىۋالدى ، مارۋىلمۇ  ئەمدى ئۆزى قايتا <X – 23> تۈرىدە ئىزدىنىپ ئەسەرلەرنى ئىشلىسە بولىدۇ .

 

图片[5]-فىلىمى ئاخىرى يىتىپ كىلىدغان بولدى !-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

مىكائىن يىقىندا HBO نىڭ <زۇلمەت جىسمى> تېلۋزيسنىڭ ئەڭ يىڭى پەسىللىك خەۋرىنى تارقىتۋاتقاندا ، تۆۋەندكى نۇقتىلارنى دەلىللىدى :

“پات ئارىدا مەن فوكىس شىركىتىدكىلەر بىلەن قايتا كۆرىشىمەن ، ئۇلار ماڭا يەنە بىر قتىم لاۋرانىڭ رولىغا چىقىشمغا تەكلىپ قىلدى ، گەرچە ئەينى ۋاقتتا سۈرەتكە ئىلىۋاتقاندا ئۇلار ماڭا بۇ گەپنى بىر قتىم دەپ باققان بولىسمۇ ، لىكىن بۇمۇ خىلى ئۇزۇن بولغان بىر ئىش بولۇپ قالدى ، كىيىن ئۇلار مىنى ئىزدەپ باقمىغان ئىدى ، لىكىن بۇ قىتىم ئۇلارنىڭ ئىزدىشى مىنى راسلا ناھايىتى خوش قىلدى ، مىنىڭچە بۇ دەسلەپكى قەدەملەر ، قىلدغان ئىشلار يانا ناھايىتى كۆپ ، بۇ بىر كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسگە ئوخشاش . ئۇلار فىلىمنى ئىشلەشنى قارار قىلىپ سۈرەتكە تارتىشقا باشلىغاندا مەنمۇ نەق مەيداندا ھازىر بولىمەن ، مەن ھەر ۋاقىت تەييار !”

 

图片[6]-فىلىمى ئاخىرى يىتىپ كىلىدغان بولدى !-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

مىكائىننىڭ قايتا X – 23 تۈرىگە قاتنىشىدغانلىق خەۋرىگە ، نۇرغۇنلىغان مۇشۇ كەسىپتكى باھالىغۇچىلار مارۋىل سىتودىيسنىڭ بۇنداق قىلىشى ئەمدى X جەڭچىلىرىنى قايتا مارۋىل فىلىم ئالىمىگە باشلاپ كىرىش ئۈچۈن بىسلغان ئىنتايىن مۇھىم بىر قەدەم دەپ قارىدى ، گەرچە ئۆتكەن يىللاردىكى SDCC چاتما رەسىم كۆرگەزمىسىدە كەيۋىن . فەيىج ئۆزىنىڭ X جەڭچىلىرى تۈرىنى قايتا قوزغىتىۋاتقانلىقنى ئىيتىپ ئۆتكەن بولىسمۇ ، ساقلاپ كەتكەن مەستانىلەرگە نىسبەتەن ، 2 يىلدىن ئۇزاق مۇددەت ساقلاش ھەرگىزمۇ ئۇلارغا قىلىنغان بىر ۋەدە ئەمەس ، چۈنكى مەستانىلەرنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن ئۇلارنىڭ ئالغان روللىرىنى ، ھەركەتلىرىنى كۆرگىسى بار ، پولات بۆرە قىرى دەل مۇشۇلارنىڭ بىرى ھىساپلىندۇ .

 

图片[7]-فىلىمى ئاخىرى يىتىپ كىلىدغان بولدى !-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

ھازىرچە ، MCU دىكى <ئۆمۈچۈك پالۋان 3> فىلىمى ئاللىقاچان <ئادەتتىن تاشقىرى ئۆمۈچۈك پالۋان 2> فىلىمدىكى ئېلىكتىر ئادەمنى قايتۇرپ كەلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى ، بۇ ئۆتمۈشتىكى ئىشلەنگەن مارۋىل فىلىملىرىنىڭ ھازىر ئاستا ئاستا MCU نىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىۋاتقانلىقدىن دىرەك بىرىدۇ ، ئەمدى X جەڭچىلىرىگە قارايدغان بولساق ، مارۋىلمۇ چوقۇم مەلۇم بىر ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇلارنىمۇ ئۆزىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرىدۇ ، بۇنداق بولغاندا مەستانىلەر چوقۇم ناھايىتى خۇشال بولىدغۇ دەيمەن ، بارلىق قەھرىمانلارنى ئوخشاش ۋاقىتتا كۆرۈپ تۇرالايمىز .

 

图片[8]-فىلىمى ئاخىرى يىتىپ كىلىدغان بولدى !-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

كۆپ ئىلىمىنتلىق ئالەمدىكى يىڭىچە بولغان مارۋىلنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ باقايلى .

 

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرلىششىنى قارشى ئالىمەن ~

 

ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ 

图片[9]-فىلىمى ئاخىرى يىتىپ كىلىدغان بولدى !-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ