خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر …
ئالدى بىلەن يەنە بىر خۇشاللىنارلىق ئىشنى سۆزلەپ ئۆتەي …
مارۋىل “قارا قاپلان” غا ئاتاپ ئالاھىدە بولغان فىلىم باشلىنىش بۆلىكى ياساپ چىقتى
11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى بولسا “قارا قاپلان” رولىنى ئالغان چادۋىك . بوسمەننىڭ 44 ياشقا كىرگەن خاتىرە كۈنى .
مۇشۇ سەۋەبتىن مارۋىل سىتودىيەسى دىسنىي + مېدىيا تاراتقۇسىدا “قارا قاپلان” فىلىمىگە ئاتاپ ئالاھىدە بولغان فىلىم باشلىنىش بۆلىكى لاھىيلەپ چىقىش ئارقىلىق ، ئالەمدىن ئۆتكەن چادۋىك . بوسمەنگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى ، قارماققا ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلگەندەكلا تۇرىدۇ ، بىر قاراپلا بۇ قەھرىماننى شۇنداق سىغىنىپ كەتتىم .
مارۋىل سىتودىيسى يىقىن مەزگىل ئىچدە فىلىم چىقارمايدۇ ، ئەلۋەتتە بۇنى بىزمۇ ئىنىق بىرنىمە دىيەلمەيمىز ، بەلكىم كەلگۈسىدىكى ئىشلەنگەن بىرە فىلىمغا مۇشۇ باشلىنىش بۆلىكىنى ئىشلىتىپ قىلىشى مۇمكىن .
(ئالدىنقى يىلىمۇ سىتەن ، لى بوۋاي ۋاپات بولغاندىن كىيىن ، مارۋىل سىتودىيەسى “مارۋىل كاپىتانى” فىلىمنىڭ بىشىغا ۋاپات بولغان سىتەن . لى نى ئالاھىدە ھۆرمەتلەپ لاھىيلىگەن فىلىم باشلىنىش بۆلىكىنى قويغان ئىدى .)
بەلكىم قارا قاپلاننىڭ بۇ فىلىم باشلىنىش بۆلىكى كىينكى مارۋىل فىلىملىرى ئىچىدە قويۇلماسلىقىمۇ مۇمكىن ، ئەمما قارا قاپلان مەستانىلەر قەلبىدە مەڭگۈ ھايات ~
! Wakanda Forever
ئەمدى بۈگۈنكى نەق مەزمۇنغا كىلەيلى …
“تۈن ئالۋاستىسى” نىڭ نەشىر ھوقۇقى مارۋىلنىڭ باشقۇرشىغا قايتىپ كەلدى !
بەلكىم چەتئەل تېلۋىزىيەلىرىنى كۆپ كۆرىدغان دوستلارنىڭ يادىدا بولىشى مۇمكىن ، Netflix بۇرۇن 2015 – يىلدىن 2019 يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا بىر قاتار مارۋىل تېلىۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىشلىگەن .
ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدە “تۈن ئالۋاستىسى” ، “جازالىغۇچى” ، “قوغدىغۇچىلار ئىتتپاقى” قاتارلىقلار بار .
لىكىن Netflix ھازىر ئاللىقاچان بۇ تونۇشلۇق بولغان تۈرلەردىن ۋاز كەچتى ، ھەمدە بۇلارنى مارۋىلنىڭ ئۆزىنىڭ سۈرەتكە ئىشلىشى ئۈچۈن قايتۇرۇپ بەردى .
ئەينى ۋاقىتتكى Netflix بىلەن مارۋىلنىڭ كىلىشكەن توختامىنىڭ ئارىسىدا ، مەزكۇر تۈرنىڭ ۋاز كەچكەندىن كىيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە مارۋىل تەرەپنىڭ بۇ ئوبرازلارنى ھەرگىز ئىشلەتمەسلىكى ، ھەمدە ئازراق بۇلارنىڭ ھىكايسىىنى ئىشلەش توغرسدا خىيال سۈرسمۇ بولماسلىقى توغرىسىدا بەلگىلىملەر بار ئىدى .
ئەمدى بۇ ئوبرازلار مۇشۇ يىلى 10- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ كىلەر يىلى ئوتۇرغىچە ، ھەممىسى ئاساسەن دىگىدەك مارۋىلنىڭ تامامەن باشقۇرۇش ۋە ئىجاد قىلىش ئىگىدارچىلقىغا ئۆتىدۇ . دىمەك توختامدىكى چەكلەنگەن ئىككى يىل مۇشۇ ئارلىقتا تامامەن تۈگەيدۇ دىگەن گەپ .
“تۆمۈر مۇش” ۋە “لۇك . كەيج” قاتارلىق ئوبرازلار 10 – ئايلار ئەتىراپىدىلا ئاللىقاچان قايتىپ كىلىپ بولغان ئىدى .
ئەمدى ھازىرقىسى بولسا “تۈن ئالۋاستىسى” نىڭ چەكلەنگەن ۋاقتى توشۇپ مارۋىلغا قايتىپ كەلدى .
ئەينى ۋاقتتا 2018 – يىلى 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى قايتۇرغۇچى تەرەپ ۋاز كىچىشنى ئېلان قىلغان ئىدى ، ھازىر مانا نەق ئىككى يىل ۋاقتى توشۇپ قالدى .
لىكىن مارۋىلنىڭ ھازىرچە بۇ تۈرنى قانداق تۇتۇپ ماڭدۇردىغانلىقى بىزگە نامەلۇم ، بەلكىم ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ 3 يىلدىن كىيىن بۇ فىلىمنىڭ دىدارىنى كۆرۈش بىزگە نىسىپ بولىشى مۇمكىن …
مەزكۇر تۈردىكى ئومۇمىي ئوبرازلار نەشىر ھوقۇقىنىڭ مارۋىلغا قايتىپ كىلىش ۋاقتى تۆۋەندىكىچە :
“تۆمۈر مۇش” 2020 – يىلى 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنى
“لۇك . كەيج” 2020 – يىلى 10 – ئاينىڭ 19 – كۈنى
“تۈن ئالۋاستىسى” 2020- يىلى 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى
“جازالىغۇچى” 2021 – يىلى 2 – ئاينىڭ 18 – كۈنى
“جىشكا . جونىس” 2021 – يىلى 2 – ئاينىڭ 18 – كۈنى
ئاخىرىدا مەستانىلەرگە يۇقارقى فىلىملەر ئىچىدىكى ئۆزۈم ئىزدەپ تاپالغانلىرىمنى سۇنىمەن ، كونا مارۋىل فىلىملىرىنى مارۋىل سىتودىيسى ئىشلىمىگەن ، شۇڭا توردا ئۇزۇنراق ئاختۇرۇپ ئاران تاپتىم ، ھازىرچە جازالىغۇچى 2 بۆلۈم فىلىمى ۋە تۈن ئالۋاستىسى قوشۇلدى ، ياقتۇرشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
بۇيەرنى بىسىڭ : فىلىم تىزىملىكى
مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرلىششىنى قارشى ئالىمەن
ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ
ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش