يىڭىلىق ! سەككىز ئاياغ دوكتۇر ئۆمۈچۈك پالۋان 3تە قايتىپ كىلدۇ

图片[1]-يىڭىلىق ! سەككىز ئاياغ دوكتۇر ئۆمۈچۈك پالۋان 3تە قايتىپ كىلدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر …

ئالدىنقى قىتىم <ئۆمۈچۈك پالۋان 3> فىلىمىنىڭ كۆپ ئىلمىنتلىق ئالەم ئۇسلۇبىدا ئىشلىندىغانلىقىنى خەۋەر قىلىنغاندىن كيىن مەستانىلەرنىڭ قىزغىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى تىزلا ئەڭ يۇقىرى چەككە يىتىپ باردى ، ئارقىدىن يەنە تىخىمۇ كۆپلىگەن خەۋەرلەرمۇ ئارقا ئارقىدىن چىقىشقا باشلىدى ، بولۇپمۇ فىلىمدىكى ئېلىكتىرئادەمنىڭ قايتىپ كىلىشى ، ئارقدىن غەلىتە دوكتۇرنىڭمۇ بۇ فىلىمگە قاتنىششى قاتارلىقلار بۇ تىخى ئىشلىنىش باسقۇچىدا تۇرغان فىلىمنىڭ قىزغىنلىق دەرىجىسىنى بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى .

图片[2]-يىڭىلىق ! سەككىز ئاياغ دوكتۇر ئۆمۈچۈك پالۋان 3تە قايتىپ كىلدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

يەنە تىخى ئارقىدىنلا ، ئالددىكى ئىككى ئەۋلاد ئۆمۈچۈك پالۋان رول ئالغۇچىلىرنىڭ ھەممىسنىڭ ئېكرانغا قايتىپ كىلىدغانلىق خەۋىرى ، ئۈچ ئەۋلاد ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ ئوخشاش بىر ئىكراندا تۇرۇپ كۆرەلىشمىز ئۈچۈن ئاساس سىلىپ بەرگەن ئىدى . گەرچە <ئۆمۈچۈك پالۋان 3> فىلىمى ھازىرچە ئىشلىنىش باسقۇچىدا بولسىمۇ ، مارۋىل تەرەپ ھىچقانداق بىر يوچۇق قويماستىن بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ۋە مەزمۇنىنى ناھايىتى چىڭ ساقلاپ كىلۋاتىدۇ .

لىكىن ! دۇنيادا يەنىلا شامال ئۆتمەيدغان تام ، ياكى مەستانىلەرنىڭ قۇلقى ئاڭلىيالمايدغان بىر گەپ يوق ~ ، تۈنگۈن ئەڭ يىڭى بىر خەۋەر پەيدا بولدى ، ئۇ بولسىمۇ كىلاسسىك بۆلۈمدىكى سەلبىي ئوبرازلارمۇ فىلىمىگە قايتىپ كىلىدۇ !

图片[3]-يىڭىلىق ! سەككىز ئاياغ دوكتۇر ئۆمۈچۈك پالۋان 3تە قايتىپ كىلدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

چەتئەل تاراتقۇسى (قۇتۇپ مېھمان دۇنياسى) نىڭ ئاخبارات قىلىشىچە ، ئارفىلىد . مولىنا فىلىمىدا سەككىز ئاياغ دوكتۇر رولىدا قايتىپ كىلىدىكەن ! خەۋەر مەنبەسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، مولىنا ھازىر ئالاھىدە بولغان ھەركەت مەشىقى بىلەن شۇغۇلىنىۋىتپتۇ ، ھەمدە ئۆتۈپ كەتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە ئىزچىل سۈرەتكە ئىلىش مەيدانىدا تۇرۇپتۇ .

图片[4]-يىڭىلىق ! سەككىز ئاياغ دوكتۇر ئۆمۈچۈك پالۋان 3تە قايتىپ كىلدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئەگەر ھازىرغىچە بۈلغان مارۋىل فىلىملىرنى بىر رەتكە تىزىپ سانايدغان بولساق ، توبىي رول ئالغان كىلاسسىك فىلىمى چوقۇم ئەڭ ئۇلۇغ ، ئەڭ ئۇتۇق قازانغان مارۋىل فىلىملىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ . مەزكۇر فىلىم ئەينى ۋاقىتتلا بىلەت كىرىمىنى شىددەت بىلەن ئۆستۈرۈپلا قالماي يەنە تىخى نۇرغۇنلىغان ئەڭ نادىر باھالارغا ئېرىشكەن ، يەنە كىلىپ دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان فىلىمىنى ھەققىي مودا ئىقىمغا ئىلىپ كىرگەن فىلىم بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . يەنە كىلىپ بۇ فىلىمدىكى سەككىز ئاياغ دوكتۇر بولسا مارۋىل فىلىم تارىخىدىكى ئەڭ كىلاسسىك ئوبرازلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ ، بۇ ھەقتە بىز ئارفىلىد . مولىنانىڭ رول ئىلىش تالانتىغا ھەقىقەتەن قول قويماي تۇرالمايمىز …

图片[5]-يىڭىلىق ! سەككىز ئاياغ دوكتۇر ئۆمۈچۈك پالۋان 3تە قايتىپ كىلدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئەلۋەتتە مولىنا رولىدىكى سەككىز ئاياغ دوكتۇرنىڭ قايتىپ كىلىشى نۇرغۇنلىغان “ئۆمۈچۈك پالۋان” مەستانىلرىنى ھاياجانغا سىلۋەتتىغۇ دەيمەن ، ئەلۋەتتە بۇ فىلمغا قايتىپ كەلگەن گىزىتخانا باشلىقى سىمونىس ، ئېلىكتىر ئادەم جىمىي . فوكىس ، MJ رولىدىكى كىرستىي . دېست ، دىئان رولىدىكى كىچىك يىشىل ئالۋاستى قاتارلىقلارمۇ بار سەككىز ئاياغ دوكتۇر ئاخىردكى 5 ئورۇندا تەڭ بۇلار بىلەن تەڭ مەيدانغا چىقتى .

图片[6]-يىڭىلىق ! سەككىز ئاياغ دوكتۇر ئۆمۈچۈك پالۋان 3تە قايتىپ كىلدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئوخشاشلا ۋاقىتتا ، سەككىز ئاياغ دوكتۇرنىڭ بۇ قىتىم فىلىمغا قاتنىششىمۇ ، <رەزىل 6 ئادەم گورۇپىسى> نىڭ يىتىپ كىلۋاتقانلىقىدىن دىرەك بىرىپ تۇراتتى ، مەركۇر تۈر ئەسلى <ئادەتتىن تاشقىرى ئۆمۈچۈك پالۋان> تۈرىدە تەييارلىق خىزمىتىنى ناھايىتى ياخىشى ئىشلەپ بولۇپ تەق بوپ بولغان ئىدى ، ئەمما سۈرەتكە ئىلىنماي تۇرۇپلا بۇ تۈر توختىتىلغان ئىدى .

ھازىر ئاللقاچان مەيدانغا چقىپ بولغان ۋە پات ئارىدا مەيدانغا چىقماقچى بولغان سەلبىي قەھرىمانلاردىن : “زەھەر ، تازقارا ، موبىياس ، سىرلىق مېھمان ، سەككىز ئاياغ دوكتۇر ،  يىشىل ئالۋاستى ، ئوۋچى كىلاۋىن ۋە چايان ئادەم ” قاتارلىقلار بار .

图片[7]-يىڭىلىق ! سەككىز ئاياغ دوكتۇر ئۆمۈچۈك پالۋان 3تە قايتىپ كىلدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ بىز ئەڭ باشتا ئۇچراشقان سەلبىي قەھرىمانلار بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشدغان ئوخشايمىز ، بەلكىم بۇمۇ مارۋىلنىڭ مەستانىلەرگە بەرگەن چوڭ بىر سوۋغىتىدۇر .

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن ~

ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ

图片[8]-يىڭىلىق ! سەككىز ئاياغ دوكتۇر ئۆمۈچۈك پالۋان 3تە قايتىپ كىلدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ