ۋاندانىڭ يىڭى خىزمىتى باشلىنىپ كەتتى !

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر …

يىقىندا ئوڭۇشلۇق ھالدا تېلۋىزىيە فىلىمىنىڭ بارىلىق خىزمەتلىرىنى تۈگىتىپ بولدى ، ھەمدە يىڭى بىر نۆۋەتلىك قويۇلۇشتىن ئالدىنقى ئېلان تەشۋىقات ئىشلىرىغا چۈشتى .

لىكىن ئىلزابىت . ئولسىن يەنىلا توختاپ قالماي كىيىنكى مارۋىل فىلىمىنىڭ سۈرەتكە ئىلىنىش ئىشلىرىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن لوندونغا سەپەر قىلىدى .

بەلكىم يەنە قايسى كىنودا رول ئالدغاندۇ دەپ ئويلاپ قالغانسىز ، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ئۇ فىلىمىغا قاتنشىدغانلىقىنى ئىيتىپ ئۆتكەن ، شۇڭا ئۇ بۇ فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئىلىش خىزمىتگە قاتنىشىش ئۈچۈن لوندونغا بارماقچى بولدى .

يىقىنقى ۋاقىتتكى بىر قىتىملىق زىيارەتتە ، ئىلزابىت . ئولسىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، ئۇ ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ 12 – ئايدا لوندونغا بىرىپ فىلىمنىڭ داۋامىنى سۈرەتكە ئىلىشكە باشلايدكەن ، ھەمدە رىژىستىۋا بايرىمىنمۇ لوندوندا ئۆتكىزىپ قالدىغاندەك قىلىپ تۇراتتى ، چۈنكى بالدۇر بارغان بىلەنمۇ يەنىلا ئايرىم تەكشۈرۈش ئۆيىدە بىر مەزگىل كۆزتىلەتتى . (گىلى قىلپ قوياتتى دىمەكچىدە)

ئۇ زىيارە جەريانىدە مۇنۇلارنى دەيدۇ :

“مىنىڭچە ئەنگىلىيەلىكلەر خۇددى تۇرمۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلۋاتقاندەكلا تۇرىدىكەن ، ھەرگىزمۇ لوسئانجىلىس ۋە نىيۇيورك شەھىرگە ئوخشاش خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ياشىمايدكەن ، بۇ مىنىڭ ھىس قىلغانلىرىم . “

“مەن ناھايىتى تىزلا ئەنگىلىيەگە قايتىپ فىلىمنى ئىشلەشكە قاتنىشىمەن ، شۇڭا بۇ قىتىم مەن لوندوندا رىژىستىۋا بايرىمنى ئۆتكىزىشىم مۇمكىن ، گەرچە سىرتنىڭ ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ ، لىكىن بۇ چوقۇم ناھايىتى كۆڭۈللىك بىر قىتملىق ساياھەت بولىدۇ .”

فىلىمنىڭ بىرقىسىم رول ئالغۇچىلىرى ۋە سۈرەتكە ئىلىش گورۇپسىدىكلەر ھاىزر لوندونغا يىتىپ بىرىپ بولدى ، بۇ خەۋەر ئىلزابىت . ئولسىننىڭ ئالماشقۇچى ئارتىسى تەرپىدىن جەزملەشتۈرۈلگەن ، ئۇ ئالدىنقى مەزگىلدە ئۆزىنى ئايرىم كۆزىتىش جەريانىدا instigram دا ئۆزىنىڭ ئەھۋالنى بايان قىلغان .

لىكىن باش رول ئالغۇچى يەنىلا لوندونغا كىلىپ بولالمىدى ، غەلىتە دوكتۇر رولىنى ئالغۇچى بىندىت مۇ تىخى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئاتلانتاغا بىرىپ نىڭ سۈرەتكە ئىلىش ئىشلىرغا قاتناشقان .

ئالدىنقى قىتىمقى زىيارەتلەردە ئۇ ، فىلىمنىڭ 12 – ئايلار ئەترەپىدا سۈرەتكە ئىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان ئىدى .

ئىيتىپ ئۆتۈشكە ئەزرىگۈدەك ئىش شۇكى ، بىندىت مارۋىل فىلىم ئالىمى تۆتىنجى بۆلىكىدىكى ئەڭ ئالدىراش ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدى ، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ شەخسىي فىلىمىغا رول ئالسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇياق بۇياققا چىپىپ يۈرۈپ باشقا تېلۋىزىيە ۋە ئايىرىم فىلىملاردا قسىتۇرما رول ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ ، بۇ ھەممىزنىڭ كۈتۈشىگە ئەرزىيدۇ .

بىندىت بىلەن ئولسىندىن باشقا ، بۇ فىلىمگە يەنە “مودۇ بايۋەتچە” رولىنى ئالغان چىۋوت . ئېجىفىر بىلەن “كۈتۈپخانا باشقۇرغۇچى ۋاڭ” رولىنى ئالغان بىندىت . ۋاڭ مۇ قاتنىشىدۇ .

بۇ ئىككى سىھىرگەرلەر گورۇپپىسىنىڭ فىلىمىغا تەقەززامەن ! بۇ فىلىمنى تۈرىنىڭ رىژىسورى سام . رىمىي ئۆز ئۈستىگە ئالغان ، شىمالىي ئامېرىكدا قويۇلۇش ۋاقتى 2022- يلى 3- ئاينىڭ 25- كۈنى قىلىپ بىكىتىلدى !

يىقىنقى مەزگىلدە تاجىسىمان ئۆپكە ۋىرۇسى قايتا يامراشقا باشلىدى ، كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىكنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇپ ئۆزۈڭلارنى ئاسرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن .

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن ~

ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ~

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش1تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ