ۋاندا ۋە ۋىژىن نىڭ قويۇلۇش ۋاقتى كىلەر يىلىگە بىكىتىلدى ~

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر …

بۈگۈن مارۋىل ئورگان تەرەپ ئەڭ يىڭى تېلۋىزىيەسى نىڭ كىلەر يىلى 1 -ئاينىڭ 15- كۈنىدىن تارتىپ قويۇلىشقا باشلايدغانلىقىنى جاكارلىدى ، ھەمدە ئەڭ يىڭى فىلىم مۇقاۋىسىنىمۇ تەڭ توردا ئېلان قىلدى ! بۇمۇ ھەم 2020 – يىلىنىڭ مارۋىل فىلىم ئالىمى تارىخىدىكى ھىچقانداق مارۋىل فىلىمى قويۇلمىغان بىر يىلى بولۇپ قىلىشنى ئىسپاتلىدى ! توغرا 2020 – يىلىغا تەۋە ھىچقانداق بىر مارۋىل فىلىمى قويۇلمىدى سەۋەبىنى ھەممىمىز ئوبدان بىلىمىز …

ئىشىنىمەنكى مەستانىلەرنىڭ ھەممىسى فىلىمىدىكى قارا تەنلىك كىچىك قىزچاق مونىكا . رامبونى تونۇيدغۇ دەيمەن ، ئۇ مارۋىل كاپىتانى كالورنىڭ يىقىن دوستىنىڭ قىزى ، بۇ قىتىم مونىكا . رامبو تېلۋىزىيسىگە قاتناشتى ، ئەلۋەتتە ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى ، ئۇمۇ چوڭلا بىر قىز بولۇپ قالدى ، ھەمدە ئىلاھى قىلىچ ئىدارىسىگە كىرىپ ۋاندا ۋەقەسىنى كۆزىتىشكە قاتناشقان ئىدى .

ئەسلى مارۋىل چاتما رەسىمى ئەسىرىدە ، مونىكامۇ بىر دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان ئىدى ، ئىسمى “يۇلتۇز” ، ئالاھىدە ئىقتدارى بولسا ھەرخىل نۇركۈچىدىن پايدلىنىپ ئۆزىنىڭ قورالى قىلاتتى ، يۇلتۇزنىڭ مارۋىل چاتما رەسىمىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى قالتىس ، مارۋىل كاپىتانى قۇرغان ئادەتتىن تاشقىرى جەڭچىلەر ئىتتىپاقىغا كىرگەن ، ھەمدە ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان دەپ تەرىپلەنگەن .

بىز ئەمدى غا قارايدغان بولساق ، گە مۇناسۋەتلىك ئەڭ يىڭى ئاخباراتتا : ” مونىكانىڭ ھىكايىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بىر ئورۇندا ئىكەنلىكى ، ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتدارىنى بايقاپ جارى قىلدۇرۇپلا قالماستىن ، يەنە ھەقىقىي بىر دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان يۇلتۇزغا ئۆزگىرىدغانلىقى ئاشكارلانغان ، ئەلۋەتتە ئەڭ مۇھىمى شۇكى ئۇ يەنە بۇ تېلۋىزىيە بىلەن مارۋىل فىلىم ئالىمىنى تۇتاشتۇردغان كۆۋرۈكنىڭ رولىنى ئوينايدىكەن ! “

مەخسۇس خەۋەردە مونىكا . رامبونى سۈپەتلەپ “قەيسەر ، قابىلىيىتى ئەرلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئايال” دەپ تەرىپلىگەن ، ئوخشاشلا ۋاقتتا مەزكۇر تىلۋىزىيەنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى مارىي . لىۋانوس مونىكانىڭ بۇ تېلۋىزىيەدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدغانلىقىنى ، نىڭ سىرلىق تۇمانلىرىنى بىر-بىرلەپ بىزگە ئىچىپ بىردىغانلىقىنى ئىيتتى .

بۇندىن باشقا بۇ تېلۋىزىيە ئۇنىڭ يەنە ئىنتايىن ئالاھىدە بولغان شەخسىي رول كۆرىنىشى بار ، 20 مىتىر ئىگىزلىكتە لەيلەپ تۇرۇپ رول ئىلىشغا توغرا كىلىدۇ ، بۇ بۆلەك بەلكىم مونىكانىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانغا ئايلىنىشدىكى بىر ئاچقۇچلىق پەيىت بولىشى مۇمكىن .

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن  ~

ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ~

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ