خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر …
ئالدىنقى قتىم بىز ئېلىكتىر ئادەمنىڭ تام . خوللاند رول ئالغان ڧىلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق ، بۇ ئۇچۇرنى ئاڭلىغان تورداشلارنىڭ ھەممىسى بۇ ڧىلىمنىڭ پاراللىل ئالەم تۈسىنى ئالغان خاراكتىردە ئىشلىندىغانلىقىنى قىياس قىلىشقان ئىدى …
ئارقىدىنلا بىر ھەپتىگە قالمىغان ۋاقىت ئىچىدە ، غەلىتە دوكتۇرنىڭمۇ بۇ ڧىلىمگە قاتنىشىدغانلىق خەۋىرى بولۇندى ، قارماققا غەلىتە دوكتۇر پاراللىل ئالەم ئىشىكى ئارقىلىق بۇ ئۈچ ئەۋلاد ئۆمۈچۈك پالۋاننى MCU دىكى ڧىلىمىگە ئەگەشتۈرۈپ ئەكىلىدغاندەك تۇرىدۇ .
بۇلاردىن باشقا يەنە ، تىخى تۈنۈگۈنكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىغا ئاساسلانغاندا تۇنجى ئەۋلاد ئۆمۈچۈك پالۋان توبىي ۋە ڧىلىمىدىكى گارڧىلىدنىڭمۇ ھازىر تام . خوللاند رول ئالغان ڧىلىمىگە قاتنىشدغانلىقى ، ھەمدە بۇ ڧىلىمگە قاتنىشش ئارقىلىق تۇنجى قىتىملىق پاراللىل ئالەمنىڭ ئىشىكىنى ئىچىپ پاراللىل ئالەم ئارا باغلىنىشنى مەقسەت قىلغان .
يىقىندا ، FandomWire نىڭ خەۋەر قىلىپ ئاشكارلىشىچە بولغاندا سونىي شىركىتى ئاللىقاچان توبىي . ماكىۋىر ۋە ئادىرۇ . گارڧىلىد قاتارلىق ئارتىسلار ئاللىقاچان تام خوللاند نەشىرىدكى بىلەن ھەمكارلىق توختامى تۈزۈپ بولغان .
يۇقارقى رەسىمدىمۇ شۇنى كۆرۋالالايمىزكى ، راس ئادەم رولغان چىققان ئۆمۈچۈك پالۋان پاراللىل ئالىمى تۇتاشتۇرۇلغان ، ئۈچ ئەۋلاد ئۆمۈچۈك پالۋان بۇ ڧىلىمدا ھەرقايسى پاراللىل ئالەمدىن كەلگەن كۆپ دۆشمەنلەر بىلەن جەڭ قىلىدۇ ، خۇددى كە ئوخشاش .
خەۋەر تارقاتقان FandomWire ئاخبارات تورى ئىلگىرىمۇ كۆپلىگەن “كىيىن دەلىللەنگەن” راس خەۋەرلەرنى تارقاتقان ، خەۋەر يۈزىدىمۇ ئانچە ساختىلىق قىلىش يوق ، لىكىن بۇ ئۇقتۇرۇشنى مارۋىل ياكى سونىي ئورگان تەرەپ دەلىللەپ مۇقملاشتۇرمىغان .
قارايدىغان بولساق ئىلگىرى بۇ ئاخبارات توربىتىدە تارقالغان خەۋەرلەرمۇ كىيىن ئورگان تورى تەرپىدىن دەلىللەنگەن ، خۇددى ئۇلار قان شورىغۇچى موبىيسنىڭ ئۇچۇرىنى ئەڭ باشتا دەلىللەپ تارقاتقىندەك .
شۇڭا ھازىرچە بۇلارنىڭ تارقاتقان خەۋىرىنى ئاساسەن مۇقىملاشتۇرساق بولىدۇ ، ئۈچ ئەۋلاد ئۆمۈچۈك پالۋاننى بىر سەھنىدە كۆرۈش ئارزۇيىمىز بەلكىم مۇشۇ پۇرسەتتە رىئاللىققا ئايلىنىپ قىلىشى مۇمكىن ، بۇمۇ كۆپلىگەن مەستانىلەرنىڭ ئۈمۈد قىلدىغان ئىشىغۇ دەيمەن ~
يەنە كىلىپ ڧىلىمدا ، ئۈچ ئەۋلاد ئۆمۈچۈك پالۋان ۋە غەلىتە دوكتۇر بىرلىكتە كۆپلىگەن پاراللىل ئالەم سەلبىي ئوبرازلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ ، بەلكىم بۇ كىيىنچە يەنە تەرەقىي قىلىپ قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4 كە ئوخشاش كۆپ قىسىم ڧىلىم بىرلەشكەن كىنو بولۇپ ئىشلىنىشى مۇمكىن .
ئۈچ ئەۋلاد ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ قانداق پاراللىل ئالەم سەلبىي ئوبرازلىرى بىلەن جەڭ قىلىدغانلىقى بىزگە تىخى نامەلۇم ، ئىشقىلىپ بۇ ئۈچ ئەۋلاد ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ بىر سەھنىدە مەيدانغا چىقالىشىمۇ ئاسان ئەمەس ، ئەمدەى شۇ ۋاقىت كەلگىچە تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرساقلا بولىدىغۇ ~
مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن ~
ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش