خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر …
تۈنگۈنكى مۇناسۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ، ڧىلىمىدىكى ئېلىكتىرئادەم رولىدىكى جىمىي . ڧوكىس مارۋىل بىلەن توختاملىشىپ مارۋىل ڧىلىم ئالىمىغا قاتنىشىپ تە داۋاملىق ئېلىكتىر ئادەم رولىغا چىقىدغانلىقنى جەزىملەشتۈرگەن ، بۇ ھەقتە پۈتۈن دۇنيا بۇئىشنىڭ مارۋىل بىلەن سونيي ئالىمىنىڭ ھەقىقىي تۈردە بىرىكىشدىن دىرەك بىردغانلىقىنى قىياس قىلشتى .
ئارقىدىن بىر كۈن ئۆتۈپلا ، جىمىي . ڧوكىس ئىجتىمائىي ئالەقە نۇمۇرىدا ئۆزىنىڭ مارۋىل ڧىلىم ئالىمى تە رولغا چىقدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان . جىمىي يەنە بۇ قىتىم ئۆزىنىڭ يەنىلا كۆك رەڭلىك ھالىتىدە چىقمايدغانلىقىنى لىكىن ، ناھايىتى ئاخسا بولىدغانلىقىنى ئاشكارلىغان .
ئوبرازنىڭ سىياقى تەرپىگە كەلسەك ، مارۋىل بۇ ئىشقا كەلگەندە ناھايىتى ئۇستا ، چوقۇم ھازىرقى زامان تىخنىكىسدا تۇرۇپ ئەڭ ئىلغار بولغان ئۇسۇللار ئارقىلق ئۇنىڭ سىياقى تۇرقىنى قايتا لاھىيەلەپ چىقىدۇ ، ھەرگىزمۇ يەنە ھىم كىلىدغان تار كىيملەرنى كىيىپ ياكى پۈتۈنلەي غەلىتە مەخلۇق بولۇپ قالدىغان ئوبرازغا ئايلاندۇرۇپ قويمايدۇ ، مەيلى بۈركۈت ئوۋچىسى ياكى قارا قاپلان ڧىلىمدا بولسۇن بۇنىڭغا سىلشتۇردىغان بولساق چوقۇم تىخمۇ ئالاھىدە ، ھازىرقى زامان پەن تىخنىكىسى ۋە ئۇسلۇبلارئۇنىڭغا ماسلاشتۇرالايدۇ .
ئەڭ ھەيران قالارلىق خەۋەر شۇكى ، جىمىي يەنە بىر پارچە ئۈچ ئەۋلاد ئۆمۈچۈك پالۋان بىر رامكىدا تۇرغان ئۇقۇم رەسىمىنى تەڭ يوللىغان ، بۇ چوقۇم ناھايىتى كۈچلۈك مەقسەتتە ئۈچ ئەۋلاد ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ پات يىقىندا بىر سەھنىدە پەيدا بولىشدىن دىرەك بىرىدۇ !
ھەمدە يىقىندا سونىي ئورگان تەرەپمۇ ئۈچ ئەۋلاد ئۆمۈچۈك پالۋان تەڭ مەيدانغا چىقىدغان ڧىلىمنى ئىشلەيدغانلىقىنى ئاشكارلىغان، لىكىن بۇ قىياس ئەينى ۋاقىتتا ئانچە پىشىپ يىتىلمگەن ئىدى ، شۇڭا ۋاقتنىچە توختاپ قالغان .
لىكىن سونىيمۇ مۇشۇ خىيالىدا تۇرغان ئاساستا ناملىق كارتون ڧىلىمنى ئىشلەپ ، شۇ يىللق ئەڭ نادىر كارتون ناملىق ئوسكار مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرگەن ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مارۋىل بىلەن سونىي ئاخىرى شۇ ۋاقىتتىكى خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغاندەك تۇرىدۇ .
تۈرىدىكى ڧىلىملار مارۋىل ڧىلىم ئالىمىگە ئىلىپ ئىيتقاندا ناھايىتى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ، ئەينى ۋاقىتتا توبىي . ماكىۋىر ڧىلىمىدا رولغا چىقىپ ھەقىقىي ھالدا مارۋىل كىنولىرنىڭ دەۋرىنى ئاچقان ئىدى ، ئەمما بولسا ئەينى چاغدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان ڧىلىمى بولۇپ قالغان ئىدى ، ھەمدە قەھرىمانلار ڧىلىمىنىڭ بارلىق كىنو ساھەسىدە باش كۆتۈرۈپ چىقىشغا سەۋەپچى بولغان .
لىكىن كونا ئۈچ بۆلۈم تۈرىنىڭ تاماملىنىشى بىلەن ، ئارقىدىن مەيدانغا چىققان تۈرى قوزغىتلدى ، مەستانىلەرنىڭ بۇ تۈرگە بولغان تەنقىد پىكىرلىرى بىردەك بولمىدى ،گەرچە گارڧىلىد رولغا چىققان تىخىمۇ ياش سالاپەتلىك، ھەمدە ئەسلى ئەسەرگە ناھايىتى يىقىن قىلپ لاھيلەنگەن بولسىمۇ ، لىكىن ۋەقەلىك جەھەتتە يەنىلا كۆپ يىتەرسىزلىكلەر بارئىدى ، ھەمدە بۇمۇ تۈرىنىڭ بىلەت باھاسى ۋە كىنو باھاسىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولۇپ قالغان ، شۇنىڭ بىلەن سونىي بۇ تۈرنى شۇ جايىدىلا توختىتۇپ ، مارۋىل بىلەن ھەمكارلىشىشنى تاللىغان .
تاكى قا بارغىچە ئۆمۈچۈك پالۋان تەلەيلىك تاماشبىن سالايىتدە مارۋىل ڧىلىم ئالىمىدىكى قەھرىمانلار ئىچكى ئۇرۇشغا قاتناشقان ، شۇ ۋاقىتتا ئاندىن تۈرى ئۈچىنجى قىتىم قايتا قوزغىتلغان ، شۇڭا كىچك ئۆمۈچۈك بۇ قىتىم ئاخىرى مۇقىم ھالدا ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرالىغان ، گەرچە خوللاند رولغا چىققان ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ ياقتۇرلۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ ، لىكىن بىز توبىي ۋە گارڧىلىد رولغا چىققان ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ مەستانىلىرگە كۆز يۇمساق بولمايدۇ .
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تە ئۈچ ئەۋلاد ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ بىر سەھنىدە مەيدانغا چىقىشى تۇنجى قىتىم بىزگە ئۈمۈد ئاتا قىلدى ، بىزنىڭ ئۇزۇندىن بىرى كۈتۈپ كىلۋاتقان ئارزۇيىمىزنى بەلكىم مارۋىل بىزگە ناھايىتى چوڭقۇر مەنىلىك بىر ھىكايە سۈپىتىدە بىزگە سۆزلەپ بىرىشى مۇمكىن .
بەلكىم بۇمۇ مارۋىلنىڭ تىخىمۇ چوڭ بولغان ڧىلىم ئالىمىنى ئىچىشنىڭ ياخشى بىر پۇرسىتى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن .
ئاخىرىدا ئۆمۈچۈك پالۋان تۈرىدىكى بارلىق ڧىلىملار توپلىمىنى مەستانىلەرگە سۇنىمەن ~
مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن ~
ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش