خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر …
بۈگۈن ، مارۋىل ئورگان تەرەپ <ۋاندا ۋە ۋىژىن> تېلۋىزىيە ڧىلىمنىڭ ئەڭ يىڭى تېتىم ڧىلىمنى ئىلان قىلدى ، بۇمۇ ھەم “دىسنىي+” مىدىياسى مارۋىل تېلۋىزيەسىنىڭ تۇنجى ئۆز ئالدىغا ئىلان قىلغان تېتىم ڧىلىمى ھىساپلىنىدۇ ، ڧىلىم ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 1مىنۇت 20 سىكۇنت ئەتراپىدا .
ئەگەر بۇ ڧىلىمنى بىرئىغىز سۆز بىلەن تەسۋىرلەشكە توغرا كەلسە ، ئۇ ئەلۋەتتە “غەلىتە” بولىدۇ .
ئالدىنقى 30 سىكۇنىت بولسا ناھايىتى ئىللىق بولغان ئالدىنقى ئەسىرئامېرىكا ئەللىرى كومىدىيە ئۇسلۇبىدا ، ۋاندا بىلەن ۋىژىن ئوڭۇشلۇق ھالدا توي قىلپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن . ئارقىدىنلا ئۆيدىكى مىھمان بىر قىتىمدىلا ئۈچ سۇئال سورىغان :
سىلەر قەيەردىن كۆچۈپ كەلدىڭلار ؟ توي قىلغىنى قانچلىك بولدى ؟ نىمىشقا تىخچە بالىلىق بولمۇدۇڭلار ؟
كەيپىيات ناھايىتى تىزلا بۇرۇلدى ، ناھايىتى ئىنىقكى ، ئەر ئايال ئىككىلىسى بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بىرەلمىدى .
ئارقىدىن ئىكران رەڭلىك ھالەتكە قايتىپ كەلدى ، ۋىژىن بىر ماشىنا ئىچىدىن ئاجىسسانى تاپىدۇ ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىقتدارى ئارقىلىق ئۇنى ئويغاتقاندەك قىلاتتى ، لىكىن بۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئوتۇرسىدىكى دىئالوگ ناھايىتى غەلىتە ئىدى :
ئاجىسسا : “مەن ئۆلدۈممۇ ؟”
ۋىژىن : “سەن نىمىشقا بۇنداق ئويلايسەن ؟”
ئاجىسسا جاۋاپ بىرىپ : “چۈنكى سەن ئۆلدۈڭ !”
ئارقىدىنلا ئۇ ناھايىتى غەلىتە ھالدا يۇقىرى ئاۋازدا كۈلۈپ كىتىدۇ .
ئورگان تەرەپنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا ، ئاجىسسا . خەكىنىس ئىسىملىك بۇ ئايال بولسا ۋاندا ۋە ۋىژىننىڭ “خوشنىسى” ، ئەمما مارۋىل چاتما رەسىملىرىدە ، ئاجىسسامۇ بىرئايال پىرىخون ئىدى ، ھەم ۋاندانىڭ يىتەكچى ئۇستازى ئىدى .
ناھايىتى ئىنىقكى ، ئۇنىڭ ۋاندا ۋە ۋىژىننىڭ يىندا “تۇرمۇش كەچۈرىشىنىڭ” ناھايىتى ئالاھىدە بىر سەۋەبى بار .
تېتىم ڧىلىمدىكى مەزمۇنلارغا قارايدغان بولساق ، ۋاندا بلەن ۋىژىننىڭ ئوينىغان رولى بىزگە بىر خىل باقى دۇنيادىكى ھايات ماماتلىق مۇھەببەتتەك تۇيغۇ بىرىدۇ ، ھىس قىلدڭلارمۇ ؟
بىر يەلىرى بىرخىليا بۇنىڭ ….
ئاخىردا دىققەت قىلشقا تىگىشلىكى شۇكى ، ئايال ئارتىس تىيۇننا . پاررىسنىڭ ئىكران يۈزى .
تىيۇننا پاررس رولغا چىققان ئوبراز بولسا مونىكا . رامبو ، ئاددي قىلىپ ئىيتساق”مارۋىل كاپىتانى” ڧىلىمىدىكى ھىلقى قارا تەنلىك كىچىك قىزنىڭ چوڭ بولغان ھالىتى . مارۋىل بەلكىم ئۇ رول ئالغان ئوبرازنى تاكى ئىلاھى قىلىچ ئىدارىسى مەيدانغا چىققۇچە ئىلىپ مىڭىشى مۇمكىن .
تېلۋىزيە ڧىلىمى رايونىدا ، <ۋاندا ۋە ۋىژىن> ناھايىتى پەرىقلىقلا ھالدا باشقا ڧىلىملەر بىلەن پەقەتلا ئوخشاشمايدغان پەرىقلىق ئۇسلۇب يولىدا مىڭىپتۇ ، ھەمدە “قىساسكارلارئىتتىپاقى 4” تىن كىينكى مارۋىل كۆپ ئىلمىنتلىق ئالەم ئىشىكىنى ئىچىپتۇ .
“دىسنىي +” ئورگان تور بىتىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا ، <بۈركۈت ئوۋچىسى ۋە زىمىستان جەڭچى> 2021-يىلىغا كىچىكتۈرلۈپتۇ ، ئەمما <ۋاندا ۋە ۋىژىن> مۇشۇ يىلى 12- ئايدا قويۇلۇپ بىز بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ .
مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن ~
ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش