چۈمۈلە ئادەم 3 تە ناھايىتى چوڭ بولغان ھىكايە ۋەقەلىكى يوشۇرۇنغان

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر …

ھەممىمىزگە مەلۇم ، بۇ يىل ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلى ، كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدىكى مارۋىل ڧىلىم ئالىمىدىكى كىنولار ۋە “دىسنىي +” پىروگىرامىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېلۋىزىيەلىرىنىڭ قويۇلۇش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلدى .

مارۋىل سىتودىيسىنى سۆزلەپ ئۆتسەك ، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى  بولسا پات ئارىدا بىز بىلەن يۈز كۆرىشىدىغان <چۈمۈلە ئادەم 3> ڧىلىمى . گەرچە بۇ ڧىلىمگە رەسمىي ھالدا بىر يانداش ئىسىم قويۇلمغان بولسىمۇ ، لىكىن مارۋىل تەرەپ بۇ ڧىلىمگە ناھايىتى ئىنچكە بولغان پىلانلارنى تۈزۈپ بولدى .

Twitter دىكى كىرىس . ئىۋانىسغا ئائىت قىزىق نۇقتىلاردىن قالسىلا ، <چۈمۈلە ئادەم 3>نىڭ مەيدانغا كىلدىغانلىق خەۋىرى چوڭ ئالقىشقا ئىرىشتى . ڧىلىم 2021-يىلى سۈرئەتكە ئىلىشنى باشلايدۇ، مۆلچەرىمىزچە 2022-يىلى كىنوخانىلاردا قويۇلۇپ بولىشى مۇمكىن ، ھەمدە بۇ ڧىلىم خۇددى <007> ۋە ياكى <پىلانىتلار ئۇرۇشى>قاتارلىق ھەجىمى چوڭ دائىرىنى ئىگىلىگەن ھىكايە ئەسەرلىرىگە ئوخشاش چوڭ بولغان ھەركەتلىك ڧىلىم بۆلىكىدىن تەركىپ تىپىشى مۇمكىن .

بۇمۇ ھەم <چۈمۈلە ئادەم 3> نىڭ ھەجىمى بەلكىم ئالدىدىكى ئىككى بۆلۈمدىكىدىن ئىشىپ كىتىدغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ ، مەزمۇن بۆلىكىنىڭ چەكلىمىسى بولغانلىقتىن ، ئالدنقى ئىككى بۆلۈمنىڭ ۋەقەلىك جەريانى خىلىلىلا كىچىك ئىدى ، پۈتۈن ڧىلىمنىڭ مەزمۇنى پەقەتلا شۇ بىر كىچىك بۆلەكنى چۆرىدىگەن ، ئەگەر <قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4> دە چۈمۈلە ئادەم ئىھتياتسىزلىقتىن ۋاقىت ھالقىپ كىىلپ قالغانلىقىنى ئىيتمساق ، بۇ ڧىلىمدا ئۇنىڭ ئويىغان رولى خۇددى بىز ھامبرۇك بولكىسى ئالساق بەرەڭگە قەلەمچىسنى سوۋغا قىلغاندەكلا كۆزگە چىلقىپ كەتمەيتى.

مارۋىل تەرەپمۇ <چۈمۈلە ئادەم 3> ڧىلىمنىڭ مارۋىل ڧىلىم ئالىمىنىڭ كەلگۈسدىكى يىڭى بىر ئىلمىنىتنىڭ كىرىش ئىشىكى بولۇپ قالدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن ، خۇددى <چۈمۈلە ئادەم> ئالدىنقى ئىككى بۆلۈمى بىزنى كىۋانىت دۇنياسىغا باشلاپ كىرگەنگە ئوخشاش ، ئۈچىنجى بۆلۈمىمۇ ئوخشاشلا نۇرغۇنلىغان رەڭدارلىققا ئىگە بولغان مەزمۇنلارنى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدۇ .

لىكىن ، <چۈمۈلە ئادەم> نىڭ ئالاھىدە خۇسۇسيتگە قارايدغان بولساق ، گەرچە يۇقىردىكىسى ناھايىتى چوڭ بىر مەيدان بولىسمۇ ، لكىن بىز يەنىلا بۇنىڭ ئالدىنقى ئىككى بۆلۈمىگە ئوخشاش كىچكلىتىلىپ بولغاندىىن كىيىنكى يۈز بەرگەن چوڭ مەيدانلىقى ئىكەنلىكىنى ئىنىق جەزىملەشتۈرەلمەيمىز ، خۇددى بىررنجى بۆلۈم ئاخىرىدىكى سىرىق كىيملىك قەھرىماننىڭ ئۇرۇش قىلغان ۋاقتىنى كۆرگەندە ، بىز بۇنى بەلكىم تاشقى پىلانىتلار بلەن بولغان ئۇرۇش دەپ چۈشنىپ قالغىنىمىزغا ئوخشاش ، ناھايتىى سىرلىق …..

<چۈمۈلە ئادەم 3> نىڭ سۈرەتكە ئىلىنىش ۋاقتى 2021-يىلنىڭ بىشىدا باشلىنىدۇ ، ڧىلىمگە ھازىر قارايدىغان بولساق ئەڭ تىز بولغاندىمۇ 2022 -يىلنىڭ ئوتۇرلىرىدا بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىپ قىلشى مۇمكىن .

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن ~

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ